ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
«ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا يول قويمايمىز»
تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى قۇرتۇلمۇش: «ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا يول قويمايمىز» دېدى.
«ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا يول قويمايمىز»
نۇمان قۇرتۇلمۇش / AA

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، 15-ئىيۇل كېچىسى سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى يارىتىلغان قەھرىمانلىق داستانى ھەققىدە توختىلىپ، «ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا بۈگۈنگە قەدەر يول قويمىدۇق ۋە ئەسلا يول قويمايمىز. 15-ئىيۇل داستانىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز» دېدى.

فەتھۇللاھچى تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016-يىلى 15-ئىيۇلدىكى سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى يۈز بېرەپ ئارىدىن 9 يىل ئۆتتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش، ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا 15-ئىيۇل كېچىسى سۇيىقەستچى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا قارشى يارىتىلغان قەھرىمانلىق داستانى ھەققىدە يازما يوللىدى.

قۇرتۇلمۇش ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا يوللىغان يازمىسىدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىپادىلىدى:

«ئەزىز مىللىتىمىزنىڭ شەرەپ كۈنى، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلغان مىللىي قەھرىمانلىق داستانى بولغان 15-ئىيۇلنىڭ خاتىرە كۈنىدە، شەھىدلىرىمىزنى رەھمەت ۋە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن؛ شەھىدلىرىمىزنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە غازىلىرىمىزغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

15  - ئىيۇل، دېموكراتىيەگە ۋە مىللىي ئىرادىگە بولغان ساداقىتىمىزنىڭ، ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشلەرگە قارشى تۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ ۋە ۋەتەننى جان تىكىپ قوغداشنىڭ ئەڭ كونكرېت مىساللىرىدىن بىرىدۇر.

15  - ئىيۇل، دېموكراتىيەمىزنى ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ھەر دائىم قوغدىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسلىتىدىغان بىر ساۋاق ۋە شۇنداقلا بىر ۋەزىپىدۇر.

15  - ئىيۇلدا ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغان پۇقرالىرىمىزنىڭ پىداكارلىقى سايىسىدا، بۈگۈن كەلگۈسىگە تېخىمۇ ئۈمىدۋار قارىماقتىمىز<

15  - ئىيۇلدا شەھىدلىرىمىز جان بەرگەن بۇ زېمىندا قىيامەتكىچە تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشاش ئۈچۈن مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز.

دۆلىتىمىزنى، دېموكراتىيەمىزنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ئارقىلىق، قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق ئەتىمىزگە يەتكۈزىمىز.

ئاللاھ، بۇ يولدا بىرلىكىمىزنى ۋە تىنچلىقىمىزنى دائىم قىلسۇن.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارغا، ھاكىمى مۇتلەقچىلەرگە ۋە تېرورچىلارغا بۈگۈنگە قەدەر يول قويمىدۇق، ئەسلا يول قويمايمىز.

15 - ئىيۇل  داستانىنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز»

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى