ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايك خاككابى ئوبزورچى تاككېر كارلسونغا، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن، لىۋان، سۈرىيە، ئىيوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراقنىڭ بەزى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر دائىرىنى ئىگىلىۋېلىشىنىڭ «مۇۋاپىق» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى چوڭقۇر پىكىر بىرلىككە كەلمەسلىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان يۇقىرى جىددىيچىلىكتىكى بىر زىيارەتتە، ئامېرىكىانىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايك خاككابى ئوبزورچى تاككېر كارلسونغا، ئىسرائىلىيەنىڭ ھازىرقى زامان ئوتتۇرا شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ زېمىن ئۈستىدە «مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان بىر ھەققى» بارلىقىنى ئېيتتى.
چارشەنبە كۈنى بېن گۇرىئون ئايرودورۇمىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتتە، كارلسون باش ئەلچىدىن «تەۋرات»نىڭ 15-بابىدا تەسۋىرلەنگەن، نىلدىن فىراتقىچە سوزۇلغان زېمىن ۋەدىلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك چېگراسىنى سورىدى.
بۇ «ئەسلىي مۈلۈك ھوقۇقى» غا ئاساسلىنىپ ئىسرائىلىيەنىڭ رايوننىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىۋېلىش ھەققى بار-يوقلۇقى سورالغاندا، خاككابى: «ھەممىسىنى ئالسىمۇ مەسىلە يوق» دەپ جاۋاب بەردى.
بۇ ئىپادە، پەلەستىننىڭ ھەممىسىنى، لىۋان، سۈرىيە، ئىئيوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىراقنىڭ بەزى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر دائىرىنى كۆرسىتىدۇ.
خاككابى: «ئىسرائىلىيە، خۇدانىڭ ئىبراھىم ئارقىلىق تاللانغان بىر خەلققە بەرگەن زېمىنىدۇر» دەپ، يەھۇدىي خەلقىنىڭ بۇ زېمىنلار بىلەن بولغان باغلىنىشىنى «بىر خەلق، بىر ماكان ۋە بىر نىشان» نىڭ بىرلىشىشى دەپ تەسۋىرلىدى.
گەرچە ئۇ كېيىنچە ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر شۇ قەدىمكى چېگرالارغا قاراپ كېڭىيىش يولىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بىر باپتىست دىنىي زاتى ۋە ئاشكنازى سىيۆنىست بولغان خاككابىنىڭ بۇ تېئولوگىيەلىك دەۋانى دەلىللىشى خەلقئارادا دەرھال ئەيىبلەشلەرگە سەۋەب بولدى ۋە خىرىستىيان سىيۆنىزمىنىڭ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەرنى قايتا قوزغىدى.
كارلسون بىلەن ئامېرىكا ئەلچىسى ئوتتۇرىسىدىكى زىيارەتنىڭ ئاساسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسەتلىرى، بولۇپمۇ خىرىستىيانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتى مەسىلىلىرىدە ئىلگىرى ئاشكارا يۈز بەرگەن پىكىر ئوخشاشماسلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
كارلسون خاككابىنى ئامېرىكا مەنپەئەتىنىڭ ئورنىغا ئىسرائىلىيە مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.
كارلسون ئىلگىرى ھەم بىر پەلەستىنلىك خىرىستىياننى، ھەم بىر ئىئوردانىيەلىك خىرىستىياننى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جەمئىيەتلەردىكى ئىناق بىللە ياشاش تەجرىبىلىرىگە دىققەت تارتقان ئىدى. بۇ مۇنازىرىلەردە يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتى جەريانىدا يولغا قويۇلغان زۇلۇم سىياسەتلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەسلى-نەسەبى لاتۋىيە ياكى پولشادىن
جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان زىيارەت تېزلا دۆلەتلىك ھوقۇقلارنى ئۇنىۋېرسال شەكىلدە تەتبىقلاش مەسىلىسىدىكى قىزىق مۇنازىرىگە ئايلاندى.
ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى شەرتسىز قوللىشىغا بارغانسىرى تەنقىدىي كۆز بىلەن قاراۋاتقان كارلسون، خاككابىنىڭ شەرقىي ياۋروپالىق يەھۇدىيلارنىڭ يەرلىك ھوقۇقلىرىنى ياقىلاۋاتقان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن ئىرېلاندىيەلىكلەر ياكى ئائىلىسى ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى لېۋانتتا (شام رايونىدا) ياشاۋاتقان پەلەستىنلىك خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئوخشاش ھوقۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىن تېخىمۇ قېچىۋاتقانلىقىنى سورىدى.
كارلسون: «بىبى (نېتانياھۇ) نىڭ ئەجدادلىرىنىڭ بۇ يەردە ياشىغانلىقىنى نەدىن بىلىمىز؟» دەپ سوراپ، نۇرغۇن ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئەسلى-نەسەبىنىڭ لاتۋىيە ياكى پولشادىن ئىكەنلىكىنى ئىشارەت قىلدى.
ئۇ: «بۈگۈن ئىسرائىلىيە كونترول قىلىۋاتقان زېمىنلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن ئادەم بار... گېنتىكىلىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ مىڭلىغان يىلدىن بېرى بۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇلار ئەجدادلىرى لاتۋىيەدە ياشىغان بىرىدىن ئازراق يەر ھوقۇقىغا ئىگىمۇ؟» دېدى.
خاككابى بولسا گېنتىكا ئاساسىدىكى دەلىلنى رەت قىلىپ، «مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلانغان، تارىخىي ۋە ئېتنىك» باغلىنىشنىڭ ئارخېئولوگىيە تەرىپىدىن دەلىللەنگەن «ئىنتايىن كۈچلۈك بىر تايانچ» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش ئەلچى داۋۇت شەھىرىدىكى قېزىلمىلارنى مىسال كۆرسىتىپ: «تاشلار توۋلاۋاتىدۇ» دېدى ۋە بۇنىڭ 3800 يىللىق ئۈزۈلمەس بىر باغلىنىشنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
غەززەدىكى قىرغىنچىلىق رەقەملىرى
ئىككىيلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئونمىڭلىغان پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ياكى يارىلانغانلىقى، مەھەللىلەرنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغانلىقى ۋە تەخمىنەن 2.3 مىليون نوپۇسنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقىدەك غەززەدىكى ئىنسانىي كىرىزىس ئۈستىدىمۇ توختالدى.
خاككابى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ «ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق شەھەر ئۇرۇشىغا سېلىشتۇرغاندا، پۇقرالارنىڭ تالافەت نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ساقلىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.
بىراق كارلسوننىڭ تەكرار سوئاللىرى ئالدىدا باش ئەلچى كونكرېت رەقەملەرنى كۆرسىتىشتە قىينالدى.
ئالدى بىلەن ئېنىق ئۆلۈم سانىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان خاككابى، كېيىن غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى (ئۆزىنىڭ پەرىزى بويىچە تەخمىنەن 60 مىڭ) توغرا دەپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۆلتۈرۈلگەن قوراللىق-پۇقرا نىسبىتىنىڭ «ئىنسانپەرۋەرلىك» نۇقتىسىدىن رېكورت سەۋىيەدە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كارلسون بۇنىڭغا: «سىز ھازىرلا ئىراق ۋە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىن ياخشىراق ئىش قىلدى دېدىڭىز» دەپ جاۋاب قايتۇردى.
«ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ۋە دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ پۇقرانى قوغدىدى دېگەن دەۋانى قايسى ئاساسقا تايىنىپ ئېيتىسىز؟» دېگەن سوئالغا، خاككابى قولىدا ئېنىق رەقەم يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلدى. بىراق قارىشىنى «ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلغان كىشىلەر بىلەن قىلغان سۆھبەتلىرىنى» ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆزىنى ئاقلىدى.
خاككابى ئىسرائىلىيەنىڭ بالىلارنى ئۆلتۈرۈشىنى ياقىلىدى.
مۇتەخەسسىسلەر، غەززەدە 70 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن قۇربان سانىنىڭ ئەمەلىيەتتىن تۆۋەن كۆرسىتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
«The Lancet Global Health» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان يېڭى بىر تەتقىقاتقا كۆرە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنىڭ تۇنجى 15 ئېيىدا 75 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇ رەقەم، شۇ مەزگىلدە يەرلىك سەھىيە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان 49 مىڭ ئۆلۈم سانىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرىدۇر.
بۇ ئىلمىي تەتقىقات، مەزكۇر مەزگىلدە زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ %56.2 نى ئاياللار، بالىلار ۋە قېرىلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ نىسبەت غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتلىرى بىلەن ئاساسەن ماس كېلىدۇ.
پەلەستىن سىياسەت ۋە راي سىناش تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە لوندون خانلىق خولوۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاكادېمىكى مايكېل سپاگات رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات دائىرىسىدە، 2024-يىلى 30-دېكابىردا باشلانغان يەتتە كۈنلۈك مۇساپىدە 2000 پەلەستىنلىك ئائىلە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.
تەتقىقاتچىلار: «بىرلەشمە دەلىللەر، 2025-يىلى 5-يانۋارغىچە غەززە نوپۇسىنىڭ 4.3% نىڭ زوراۋانلىق نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە توقۇنۇشنىڭ ۋاسىتىلىك تەسىرى سەۋەبىدىن كۆپ ساندا زوراۋانلىقتىن باشقا سەۋەبلەر بىلەن ئۆلۈش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە،» دەپ يازدى.
زىيارەت جەريانىدا خاككابى غەززەدە ئارىسىدا 14 ياشلىق ياشلارمۇ بولغان بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ياقىلىدى ۋە بەزى بالىلارنىڭ ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ: «ئەگەر بۇنىڭغا قاتناشقان بولسا خۇدا ياردەمچىسى بولسۇن،» دېدى.
ئامېرىكا ئەلچىسى، كىشىلەرنىڭ «ھاماسنى قوللاش» ياكى «ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلىش» ئەھۋالىدا، گەرچە قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىمۇ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كارلسون بولسا بۇنىڭدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ھەرگىزمۇ بالىلارنى ئۆلتۈرمەيمەن،» دېدى.
خاككابى: «ئەگەر غەززەدە گۆرۈگە تۇتۇلغانلار سىزنىڭ بالىلىرىڭىز بولغان بولسا، ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە قىلاتتىڭىز؟» دەپ سورىدى. كارلسون بولسا: «بالىلارنى ئۆلتۈرمەيتتىم، تامام. بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ئۈچۈنمۇ باھانە كۆرسەتمەيتتىم،» دەپ جاۋاب بەردى.










