تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييار
ئەنقەرە، ئۇرۇش مەزگىلىدە موسكۋا ۋە كىيېۋ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى ھەمدە دىيالوگ ۋە تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ۋاسىتىچىلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فىدان: تۈركىيە رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييار
/ Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئەنقەرەنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىدان بۇ سۆزنى دۈشەنبە كۈنى (بۈگۈن) باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنى ئىستانبۇلدىكى تارىخى چىراغان سارىيىدا ئۇچراشتۇرغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئېچىلىشىدا  قىلدى.

تۈركىيە، بۇ جەرياندا ياردەملەشكۈچى رول ئوينىماقتا

 مىنىستىر خاقان فىدان، «تۈركىيە بۇ جەريانغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بېسىشقا تېگىشلىك ھەر تۈرلۈك قەدەمنى بېسىشقا تەييار» دېدى.

بۇ يېقىندىن بۇيان تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك سۆھبەت بولۇپ، ئالدىنقىسى 16-ماي ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى؛ ئۇ يىغىندا، تەرەپلەر 1000 دىن مەھبۇسنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان ۋە مۇمكىن بولىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن ئۆز مەيدانلىرىنى بېكىتكەنىدى.

تەرەپلەر يەنە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشنى ئازايتىش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى.

ئەنقەرە ئۇرۇش مەزگىلىدە موسكۋا ۋە كىيېۋ بىلەن بولغان يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن ھەمدە دىيالوگ ۋە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا ياردەملىشىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ۋاسىتىچىلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Second round of Russia-Ukraine peace talks begin in Istanbul

ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى