سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە يەمەن ھۇجۇملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى
ئامېرىكا كەم دېگەندە 20 كىشى ئۆلگەن يەمەننىڭ پايتەختى ساناغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ھەققىدە رۇسىيەگە مەلۇمات بەردى.
00:00
ئامېرىكا   بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە يەمەن ھۇجۇملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا ۋە يەمەن ھۇجۇملىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى / Reuters

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەتلەرنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تاممىي بۇرۇسې بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتلارنىڭ شەنبە كۈنى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 باياناتتا، سەئۇدى ئەرەبىستان ساھىبخانىلىق قىلىۋاتقان ئامېرىكا-رۇسىيە سۆھبەتلىرىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىدى.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، رۇبىيو يەنە لاۋروۋغا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەربىي پائالىيەتلەر ھەققىدە، جۈملىدىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ يەمەندىكى ھۇسىلارغا قارشى ئۆلۈملۈك ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يەمەنگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئەگەر ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدىكى پاراخوتلارغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دوزاخ ياغىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىسىدىكى يېقىنقى سوغۇقچىلىقلارغا قارىماي، كىيېۋ ئەگەر موسكۋا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ھۇجۇملىرىنى توختاتسا ئامېرىكا ئارقىلىق سۇنۇلغان 30 كۈنلۈك شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى پىرىنسىپ جەھەتتىن قوبۇل قىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ھېچقانداق ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلمىدى؛ بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇكرائىنا بىلەن تۈزۈلگەن ئامېرىكا كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەنلەرنىڭ سىرتىدا باشقا شەرتلەرنى قويدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى