ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىك كىچىك بالىنىئىسرائىل غەززەدە ئىككى پەلەستىنلىك بالىنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى كېلىشىم بويىچە چېكىنگەن بىر رايوندا ئىككى كىچىك بالىنىڭ ئۈستىگە بومبا تاشلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي غەززەنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئىككى كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن پەلەستىنلىك يارىلاندى.
سەھىيە مەنبەلىرى، ئەلزەۋارا ئائىلىسىدىن بولغان 14 ياشلىق سالمان زەكەرىيا بىلەن 15 ياشلىق مۇھەممەد يۈسۈپنىڭ بەيت لاھىيادىكى كامال ئادۋان دوختۇرخانىسى ئەتراپىدا پارتلىغان ئىسرائىلىيە بومبىسى نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ۋەقەنى كۆرگۈچىلەر، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ، كېلىشىم دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئىلگىرى چېكىنگەن بىر رايوندا ئىككى بالىنىڭ ئۈستىگە بومبا تاشلىغانلىقىنى يەتكۈزدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە جىددىي قۇتقۇزۇش مەنبەلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ جىبالىيەدىكى كونا غەززە كوچىسىنى نىشان قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. مەزكۇر رايوننىڭمۇ كېلىشىم بويىچە ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چېكىنگەن رايونلار ئارىسىدا ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
باشقا بىر ۋەقەدە، بەيت لاھىيانىڭ ئەلسالاتىن رايونىدا بىر پەلەستىنلىك ئەرنىڭ ئىسرائىلىيە قىسىملىرى چىقارغان ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقى خاتىرىلەندى. شەنبە كۈنى ئەتىگەندە بولسا خان يۇنۇستا بىر پەلەستىنلىكنىڭ بېشىدىن ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شاھىتلار شەھەر مەركىزىدىكى جاسسېر بىناسى تۆت كوچا ئېغىزى ئەتراپىدا ئىسرائىلىيەگە تەۋە تۆت پەرۋانىلىك بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئوق چىقارغانلىقىنى ئېيتتى.
2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملاردا، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ جەمئىي 71 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆلتۈرۈلدى، 171 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان غەززەدە، 10-ئۆكتەبىردە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى؛ بۇ جەرياندا 481 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، 1313 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خەۋەر قىلىندى.