سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ «ۋەيران قىلىنغانلىقى»نى بىلدۈرگەن ترامپ، ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
ترامپ، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن كېلىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، ھېچقانداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ «ۋەيران قىلىنغانلىقى»نى بىلدۈرگەن ترامپ، ئىران بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلدى
/ AA

ترامپ، ئامېرىكانىڭ ئىران بىلەن كېلىشىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئىنكار قىلىپ، ھېچقانداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ يادرو ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ھەر قانداق بىر دىيالوگنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلىپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ تېھران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى ھەمدە ھېچقانداق ياردەم تەكلىپى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان ترامپ، ئىراننىڭ يادرو ئىقتىدارىغا دائىر نۆۋەتتىكى باھالاشلارغا زىت ھالدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى «پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈردى.

قاتتىق پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچمىگەن ترامپ: «مەن ئىران بىلەن سۆھبەتلەشمەيمەن. بىز ئۇلارغا ھېچنېمە تەكلىپ قىلمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپنىڭ بۇ باياناتلىرى، ئۇنىڭ ئاۋامغا جاكارلىغان «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى بېسىم» سىياسىتىگە زىت ھالدا، ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ پۇقراۋى يادرو ئېنېرگىيە پىلانىنى قوللاش ئۈچۈن 30 مىليارد دوللارغىچە مەبلەغكە ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش ئىدىيەسىنى مەخپىي ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

جۈمە كۈنى ترامپ بۇ خەۋەرلەرنى «يالغان خەۋەر» دەپ ئاتاپ رەت قىلغانىدى. مەزكۇر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان مەخپىي تىرىشچانلىقلار دائىرىسىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىدىكى بەزى ئەمەلدارلار ئىرانغا تىنچلىق مەقسەتلىك يادرو ئېنېرگىيە تەشەببۇسى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياكى تېخنىكىلىق ياردەم بېرىش مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»