تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغاننىڭ مەشھۇر سۆزى نىيۇ يوركتىكى غايەت زور ئېكراندا كۆرسىتىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىدىكى سۆزى جەريانىدا، «دۇنيا بەشتىن چوڭ» دېگەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى تەكرارلىدى.
ئەردوغاننىڭ مەشھۇر سۆزى نىيۇ يوركتىكى غايەت زور ئېكراندا كۆرسىتىلدى
ئەردوغاننىڭ مەشھۇر سۆزى نىيۇ يوركتىكى غايەت زور ئېكراندا كۆرسىتىلدى / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ب د ت سىستېمىسىدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى چاقىرىق قىلغاندا تەكرارلايدىغان «دۇنيا بەشتىن چوڭ» ۋە «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» دېگەن شۇئارلىرى، ئۇنىڭ بىر پارچە سۈرىتى بىلەن بىرگە نىيۇ يوركنىڭ مەركىزى كوچىلىرىدا كۆرسىتىلدى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋېتو قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە 5 دائىمىي ئەزا (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي) نىڭ ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىغا دائىر تەنقىدلەرگە دۇچ كېلىپ كەلمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەيشەنبە كۈنى ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 80-نۆۋەتلىك يىغىنىدا سۆز قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش چاقىرىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

«تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن»

ئەردوغان مۇنداق دېدى: «80-يىللىقىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇلۇش روھىغا قايتۇرىدىغان قەدەملەرنى تاشلاش ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىدۇر. بىز، كۈچلۈكنىڭ گېپى گەپ بولىدىغان ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق كۈچلۈك بولىدىغان بىر تۈزۈم قۇرۇلغۇچە ‹دۇنيا بەشتىن چوڭ› دېيىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ «تېخىمۇ ئادىل دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىن» دېگەن سۆزى تايمىس مەيدانىدىكى LED ئېكرانلىرىدىمۇ نامايان قىلىندى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»
توك ۋېلىسىپىت سوقۇۋەتكەن كومو شەھەر باشلىقى بۇ قاتناش قورالىنى شەھەردە چەكلىمەكچى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى