خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ناتو باش ئىشتابىدا چاقىرىلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ بىخەتەرلىككە ئالاقىدار مۇھىم مەسىلىلىرى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن ۋە 2026-يىلى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەلەرنىڭ سەيشەنبە كۈنى بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئىتتىپاقنىڭ باش ئىشتابىدا چاقىرىلىدىغان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى بىريۇسسېلغا بارىدىكەن.
مەنبەلەر، خاقان فىداننىڭ يىغىن دائىرىسىدە ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ئىشلىرىغا مەسئۇلى ئەمەلدارى كاجا كاللاس، كېڭىيىش ئىشلىرى كومىسسارى مارتا كوس، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى يۋېتتې كوپېر، ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسې مانۇئېل ئالبېرىس ۋە باشقا مەنسەپداشلىرى بىلەن بىر قاتار ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبەلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ يىللىق مىنىستىرلار يىغىنى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئىيۇن ئېيىدا لاھەيدە قوبۇل قىلىنغان قارارلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش، شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2026-يىلى 7–8-ئىيۇل كۈنلىرى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئارىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ.
ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ بىرىنچى باسقۇچى ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئىتتىپاقنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى ئاساسىي مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن؛ سۆھبەتلەردە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىشى كۈتۈلمەكتە.
مىنىستىرلار يەنە ناتونىڭ شەرقىي قانىتىدىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى، ئىتتىپاقنىڭ جەنۇبىي قوشنىلىرى تەرەپتىن كېلىۋاتقان خىرىسلارنى، بالقاندىكى ۋەزىيەتنى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك رايونى ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن تېخىمۇ كەڭ بىخەتەرلىك تەسىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدىكەن.
دىپلوماتىك مەنبەلەر، خاقان فىداننىڭ تۈركىيەنىڭ زامانىۋى ھەربىي ئىقتىدارى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئارقىلىق ناتو ۋە ياۋروپا بىخەتەرلىكىگە قوشقان كۈچلۈك تۆھپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خاقان فىداننىڭ يەنە ئىتتىپاقداشلارنى ئەنقەرە يىغىنى تەييارلىقلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈشى، ياۋروپانىڭ دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ناتو بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلىغۇچى رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت مۇداپىئە قەدەملىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان بارلىق ئىتتىپاقداشلارغىمۇ ئوچۇق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان يەنە ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى توغرىسىدىكى ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى قايتا تىلغا ئالىدىكەن.
ئۇكرائىنا ئۇرۇشى
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندىرىي سىبىھا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتكە مەسئۇل ئالىي ۋەكىلى كاجا كاللاسنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق يىغىندا ناتو-ئۇكرائىنا مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
سۆھبەتلەر ئۇرۇشنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋاللار، توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات كۈنتەرتىپىنىڭ ئەھۋالى ئۈستىدە مەركەزلىشىدۇ.
مەنبەلەر، خاقان فىداننىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە بەرگەن قوللىشىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى، ئەنقەرە تەمىنلىگەن ياردەملەرگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ۋە ئادىل ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك بىر تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن دىپلوماتىيەگە پۇرسەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خاقان فىداننىڭ يەنە ھەرقانداق ئىشەنچلىك تىنچلىق تەشەببۇسىغا تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى يەتكۈزۈشى ۋە توقۇنۇشقا تەسىر كۆرسەتكەن يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەنقەرەنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كۈتۈلمەكتە.
مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋە ئاۋرو-ئاتلانتىك رايونىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا قارىتىلغان تەشەببۇسلارنى قوللاشنى ھەمدە بارلىق تەرەپلەر بىلەن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.