غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپادا يۈز مىڭلىغان كىشى غەززەنى قوللاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئېتىراز قىلғۇچىلار ئىسرائىلنىڭ قورشاۋدىكى ئېنكلاۋنى ئىشغال قىلىش ۋە زېمىنىنى ئۆزلەشتۈرۈش پىلانىغا قارشىلىق كۆرسەتتى، بۇ پىلان پۈتنامايىشچىلار، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋدىكى غەۈن دۇنيا تەرىپىدىن قارشى كۆرسىتىلگەن.
ياۋروپادا يۈز مىڭلىغان كىشى غەززەنى قوللاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
https://trt.global/world/article/da064de139a5 / AA
  • ياۋروپادا يۈز مىڭلىغان كىشى غەززەنى قوللاپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

  • نامايىشچىلار، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىنمۇ ئەيىبلەنگەن ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋدىكى غەززەنى قوشۇۋېلىش ۋە ئىشغال قىلىش پىلانىغا قارشى چىقتى.

  • تۈركىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە يۈز مىڭلىغان نامايىشچى، غەززەدە قورشاۋدا قالغان پەلەستىنلىكلەر بىلەن ھەمدەم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان يىغىلىش ۋە نامايىشلارنى ئۆتكۈزۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ رايوندىكى قىرغىنچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى.

  • شەنبە كۈنى كەچتە، شام نامىزىدىن كېيىن، ئىستانبۇلنىڭ بايازىت مەيدانىغا ئون مىڭلىغان پەلەستىننى قوللىغۇچى نامايىشچىلار يىغىلدى. نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ۋە مەجبۇرىي ئاچ قويۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈردى.

  • ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خەلقنىڭ كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش، تارىخىي ئاياسوفىيە جامەسىگە قاراپ يۈرۈش قىلىش بىلەن داۋاملاشتى.

  • ئەنگىلىيەدە بولسا، شەنبە كۈنى لوندون كوچىلىرىدا مىڭلىغان كىشى، ھۇجۇملارغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن 30-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پەلەستىننى قوللاش نامايىشى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

  • يۈز مىڭلىغان كىشى راسسېل مەيدانىدىن باش ۋەزىرلىك مەھكىمىسىگە قاراپ «غەززەنى ئاچ قويۇشنى توختىتىڭ» تېمىسىدا يۈرۈش قىلدى.

  • دۆلەت مىقياسىدىكى پەلەستىننى قوللاش يىغىلىشلىرىنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىدىن بىرى بولغان پەلەستىنگە ھەمدم بولۇش پائالىيىتى (PSC)، نامايىشتىن ئىلگىرى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئاچلىق بىلەن ئۆلۈمگە ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھۆكۈمىتىمىز ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

    • پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ئامما، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇش» بىلەن ئەيىبلىگەن شوئارلارنى توۋلىدى.

  • شىۋېتسىيە، گوللاندىيە

  • شىۋېتسىيە ۋە گوللاندىيەدىمۇ يۈزلىگەن كىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

  • ستوكھولمنىڭ ئودېنپلان رايونىغا يىغىلغان نامايىشچىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنى ۋە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ياردىمىنى ئەيىبلەيدىغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ چىقتى.

  • نامايىشچىلار كېيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.

  • ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش كابىنېتى باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە قارشىلىققا ئۇچرىغان ئىشغالىيەت پىلانىنى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە تەستىقلىغان ئىدى.

  • ئامستېردامدىمۇ نۇرغۇن كىشى ئىشغالىيەت پىلانىنى ۋە غەربنىڭ ئىسرائىلىيەگە بەرگەن ياردىمىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن كوچىلارغا چىقتى. نامايىشچىلار غەززەگە جىددىي ۋە چەكلىمىسىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشكە چاقىردى.

  • ئىسپانىيە ۋە شىۋېتسارىيە

  • ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ياۋروپا شەھەرلەردە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىنى ۋە ئاچ قويۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ پەلەستىننى قوللاش نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

  • پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، مادرىدتىكى يۈرۈشتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇر» دەپ شوئارلارنى توۋلىدى.

  • بەزى پائالىيەتچىلەر بولسا، قورشاۋدىكى پەلەستىن زېمىنىدا يولغا قويۇلغان ئاچ قويۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن قازان-قومۇچلارنى چېلىپ ئاۋاز چىقاردى.

  • جەنۋەدىكى جاردىن ئاڭگىلاس  باغچىسىغا يىغىلغان مىڭلىغان كىشى، ئىسرائىلىيە قورشاۋى سەۋەبىدىن غەززەدە يۈز بەرگەن مەجبۇرىي ئاچ قويۇش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم-يېتىمگە نارازىلىق بىلدۈردى.

  • نامايىشچىلار ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە ۋە ئەرەبچە شوئارلارنى توۋلاپ، ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.

  • پەلەستىن بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان نامايىشچىلار، غەززەدىكى ئاچارچىلىققا دىققەتنى تارتىش ئۈچۈن قازان-قومۇچلارنى چالدى.

  • خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان بېسىمىغا بولغان قوللاشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى تەلەپ قىلىندى.

  • ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

  • ئىسرائىلىيە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 61 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

  • پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ يىقىلغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

  • ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، غەززەدىكى دائىرىلەر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

  • ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋامىدا قورشاۋدىكى رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، پۈتكۈل دېگۈدەك نوپۇسنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىدى.

  • خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدىدى.

    • ئىسرائىلىيە يەنە رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

      • .

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى