شارا سۈرىيەنىڭ پ ك ك/ ي پ گ پوزىتسىيەسىنى كەسكىن ئوتتۇرىغا قويدى

سۈرىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شارا تۈركىيەگە تەھدىت سالىدىغان تېررورلۇق گۇرۇھلىرىنىڭ سۈرىيە زېمىنىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جەديد سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش قومانداني، ئەھمەد ئەلشەرئا دەمەشىقتە / AA

سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەت رەھبىرى شارا بايانات ئېلان قىلىپ، چەت ئەللىك تېررورچى ئۇنسۇرلارنىڭ سۈرىيەدىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيەگە سۈرىيەگە قىلغان ياردەملىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

ئەھمەد شارا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ نىڭ دۆلىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارشى ئېنىق سىگنال بەردى؛ ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئوخشاش سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شارا، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارىتا پوزىتسىيەسىنى كەسكىن ئىپادىلىدى.

ئۇ سۈرىيەدە چەت ئەللىك قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ۋە بولۇپمۇ تۈركىيەگە تەھدىت سالىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ سۈرىيە زېمىنىدىكى مەۋجۇتلۇقىغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بىز دەسلەپتىن تارتىپلا بارلىق گۇرۇھلار قورالنى تاشلاپ، مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارمىقىغا كىرىشى كېرەك دېدۇق. ھەممىسى قوشۇلدى. ئەمما ئەپسۇسكى، پ ك ك / ي پ گ بۇنىڭغا قوشۇلمىدى» دېدى.

شارا يەنە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىچىدە سۈرىيەلىك بولمىغان ئۇنسۇرلارنىڭ بارلىقىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

پ ك ك / ي پ گ نىڭ دائىشنى پاراكەندىچىلىك ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن شارا، بۇ ۋەزىيەتنىڭ خەلقئارالىق سەۋىيەدە ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەھمەد شارا سۈرىيەلىكلەرنى دۆلىتىگە قايتىشقا چاقىردى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتتىن سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.