غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
بېرلىندا غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مىڭلىغان كىشى نامايىش قىلدى
نامايىشچىلار، «قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى» غا خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھالدا، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ توشۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
بېرلىندا غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مىڭلىغان كىشى نامايىش قىلدى
بېرلىندا غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مىڭلىغان كىشى نامايىش قىلدى / AA

بېرلىندا 20 مىڭدىن ئارتۇق كىشى، غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى غەزىپىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى.

نۇتۇق سۆزلىگۈچى، «غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىڭ» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، شەنبە كۈنى پەلەستىن رايونىدىكى ئىسرائىلىيەنىڭ رەھىمسىز ھەربىي ھۇجۇمىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

«Pink Floyd» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ سابىق باش ناخشىچىسى روجېر ۋوتېرس، ئاممىغا يوللىغان سىنلىق ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن بۇ يەردە، پەلەستىندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن يىغىلدۇق. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى، ئىسرائىلىيە سادىر قىلغان بۇ تەسۋىرلىگۈسىز جىنايەتنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتا. پەقەت غەززەدىلا ئەمەس، ئىشغال قىلىنغان پەلەستىننىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھەم» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشى

ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدىە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا كەم دېگەندە 64 مىڭ 803 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

سول قانات خەلقچىل BSW پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى سارا ۋاگېنكنېچت، گېرمانىيەنىڭ ناتسىست ئۆتمۈشىدىن يولغا چىقىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئوڭ قانات (ئىسرائىلىيە) ھۆكۈمىتىنى شەرتسىز قوللاش كېرەك» دېگەن خۇلاسىنى چىقارماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەكسىچە، چىقىرىشقا تېگىشلىك توغرا ساۋاقنىڭ ئۆز ئاۋازىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ۋاگېنكنېچت، گېرمانىيەنىڭ پەقەت بىر كۆرۈرمەنلا ئەمەس، بەلكى بىر «جىنايەت شېرىكى» ئىكەنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە، كانسلېر فرىدرىخ مېرزنىڭ، ئىسرائىلىيەگە قورال ئەۋەتىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى «دەپسەندە قىلغانلىقىنى» بىلدۈردى.

پەلەستىن بايراقلىرىنى لەپىلدەتكەن نامايىشچىلار، گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ توشۇشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Germany condemns Israel’s 'unacceptable' actions in Gaza

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىر بېن-گۋىر پەلەستىنلىك ئايال تۇتقۇنلارنى مەسخىرە قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 500 گە يەتتى
ب د ت: غەززەدىكى ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرى كۈنىگە پەقەت بىر ۋاخ تاماق بىلەن كۇپايىلىنىۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 20 ئۆينىڭ خارابىلىكىدىن 233 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلد
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بىر ئۆيگە قىلغان ھۇجۇمىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسرائىلىيە UNRWA نىڭ شەرقىي قۇددۇستىكى مائارىپ مەركىزىنى بېسىۋالدى
ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇمى %63 ئاشتى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ساقچى پونكىتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلگەنلەر سانى 9 غا يەتتى
غەززە 2025-يىلىمۇ ئىنسانىي ياردەم خادىملىرى ئەڭ كۆپ ئۆلتۈرۈلگەن رايون بولدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 73 مىڭ 399 غا يەتتى
ھاماس غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دائىمىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن قاھىرەگە بارىدۇ
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
غەززەدە بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن 40 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 112 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيە ئىيۇل ئېيىدا غەززەدە 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
غەززەدە ئىلگىرى نىشان قىلىنغان بىنادىن ئىككى ئائىلىگە تەۋە 99 جەسەت چىقىرىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا 1 بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى