ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ «ئەر قەھرىمانى» دھارمېندرا 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى
مەدەنىيەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ «ئەر قەھرىمانى» دھارمېندرا 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتىئۆزىگە خاس جەلپكارلىقى، كۆپ قىرلىق تالانتى ۋە ئېكراندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىقلىرى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بوللىۋۇد چولپىنى، ئەپسانىۋى ئاكتىيور دھارمېندرا 89 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ «ئەر قەھرىمانى» دھارمېندرا 89 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى / Reuters

ھىندىستان كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ داڭلىق چولپانلىرىنىڭ بىرى، 1970- ۋە 1980-يىللاردىكى بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئارتىسى دھارمېندرا دۈشەنبە كۈنى (24-نويابىر، 2025) بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.

8-دېكابىر كۈنى 90 ياشقا كىرىدىغان بۇ داڭلىق ئاكتىيور، ئۆتكەن بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى مۇمبايدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىدى.

دھارمېندرانىڭ دوختۇرى بىلەن سۆزلەشكەن بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى، ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن ئۇنىڭ ۋاپاتىنى دەلىللىدى. ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئاكتيورنىڭ ۋاپاتىغا «ھىندىستان كىنوچىلىقىدا بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلىشىشى» دەپ باھا بەردى.

مودى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «ئۇ بىر دەۋرنىڭ كىنو نامايەندىسى، ئۆزى ياراتقان ھەر بىر ئوبرازغا سېھرىي كۈچ ۋە چوڭقۇرلۇق بېغىشلىغان ئالاھىدە تالانت ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ تۈرلۈك روللارنى ئويناش ماھارىتى ساناقسىز كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى» دېدى.

دھارمېندرا ھىندىستاندىن باشقا، جەنۇبىي ئاسىيادىمۇ زور شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ فىلىملىرى بۇ رايونلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەرلەرگە خاس سالاپىتى ۋە ھېسسىي تېرەنلىكى پاكىستان، بانگلادېش، نېپال ۋە ھەتتا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن ئافغانىستاندىمۇ ئۇنىڭغا نۇرغۇن سادىق مەستانىلەرنى توپلاپ بەرگەن.

بۇ رايونلاردىكى بىرنەچچە ئەۋلاد تاماشىبىنلار ئۇنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. بۇ خىل ئالقىش دھارمېندرانى تەسىر كۈچى دۆلەت چېگرالىرى ۋە سىياسىي ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ كەتكەن ساناقلىق ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

ھايات مۇساپىسى

كۆپىنچە بوللىۋودنىڭ  «He-Man»ى (ئەر قەھرىمانى) دەپ تەرىپلىنىدىغان دھارمېندرا، ھەرىكەتلىك فىلىملەردە ئەنئەنىۋى قەھرىمانلىق بىلەن رومانتىك باش قەھرىماننىڭ نازۇك ھېسسىياتىنى مۇكەممەل بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئۇنى ھىندىستاننىڭ ئەڭ سىمۋول خاراكتېرلىك ئاكتيورلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەنىدى. گەرچە ئۇنىڭ داڭقى ئاساسەن ئادالەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر ۋە قورقماس قەھرىمان ئوبرازلىرى ئارقىلىق تارقالغان بولسىمۇ، رومانتىك فىلىملەردىكى جەلپكار ئىجراسىمۇ ئۇنى ئاممىنىڭ سۆيۈملۈك چولپىنىغا ئايلاندۇردى.

دھارمېندرانىڭ «شولاي»  (Sholay، 1975-يىل) ناملىق فىلىمدىكى رولى ئۇنى مەڭگۈلۈك شۆھرەتكە ئىگە قىلدى. بوللىۋودنىڭ غەربچە «كوۋبوي» ئۇسلۇبىدىكى بۇ فىلىمى ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئەسەرلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رومانتىك كومېدىيە «چۇپكې چۇپكې» (Chupke Chupke، 1975-يىل) دىن تارتىپ، ھەرىكەتلىك دىراما «مېرا گاۋون مېرا دېش» (Mera Gaon Mera Desh، 1971-يىل) قاتارلىق فىلىملەردىكى روللىرى، ئۇنى شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ تونۇشلۇق سىمالىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.

بوللىۋود كىلاسسىك ئەسىرى «شولاي»دا ئۇ ئامىتاپ باچچان بىلەن بىرلىكتە ئوينىغان يېقىملىق خاراكتېر، ئۇنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان»لىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئېكراندىكى ھەمكارلىقى بوللىۋودتىكى ئەڭ مەشھۇر قوشماقلارغا ئايلاندى.

ئۇنىڭ كېيىنچە ئۆمۈرلۈك ھەمراھىغا ئايلانغان ئارتىس ھېما مالىنى (Hema Malini) بىلەن بولغان ئېكراندىكى ماسلىشىشچانلىقى بوللىۋودتىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەمكارلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار 20 دىن ئارتۇق فىلىمدە بىللە رول ئالغان. ئەمما ئۇلارنىڭ نىكاھى غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان. چۈنكى دھارمېندرا كىنو ساھەسىگە كىرىشتىن بۇرۇنلا پىراكاش كائۇر بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۆت پەرزەنتى بار ئىدى. ئۇلاردىن ساننىي دېئول (Sunny Deol) بىلەن بوببى دېئول (Bobby Deol) كېيىنچە دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ ئارتىس بولغان.

گەرچە 1980-يىلى مالىنى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇ تۇنجى ئايالى كائۇر بىلەن ئاجراشمىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشاشنى داۋاملاشتۇرغان. يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قانۇنى ھىندى دىنى مۇرىتلىرىنىڭ جۈپتى ھايات تۇرۇپ ئىككىنچى ئايال ئېلىشىغا يول قويمايدىغان بولغاچقا، ئۇ مالىنى بىلەن توي قىلىش ئۈچۈن قىسقا مۇددەت ئىسلام دىنىغا كىرگەن.

دھارمېندرا ۋە مالىنىنىڭ ئىككى قىزى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئېشا دېئولمۇ (Esha Deol) بوللىۋود ئارتىسى. ئۇنىڭ جىيەنى ئابھاي دېئولمۇ كىنو ساھەسىگە قەدەم قويغان.

كەسپىي ھاياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە، دھارمېندرا تېخىمۇ خاراكتېرلىك روللارغا يۈزلىنىپ، 1990- ۋە 2000-يىللاردا كۆپىنچە ئاتىلىق ئوبرازلارنى ياراتتى. ئۇنىڭ سەنئەت ھاياتى تاكى 2025-يىلىغىچە داۋاملاشتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇرۇش تېمىسىدىكى «ئىككىس» (Ikkis) ناملىق تەرجىمىھال فىلىمىدە رول ئالغانىدى.

ئۇ 2021-يىلى ھىندىستاننىڭ «Rediff» خەۋەرلەر تورى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبەتتە: «بۇ يەرگىچە كېلەلەيمەن دەپ ھېچقاچان ئويلىمىغان ئىدىم» دېگەن ئىدى.

1935-يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى پەنجاب ئىشتاتىدا  تۇغۇلغان دھارمېندرا كېۋال كرىشان دېئول، دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مۇمبايغا كۆچۈپ كېلىپ، 1960-يىلى بوللىۋودتىكى تۇنجى ئەسىرىنى تەقدىم قىلغان. ئاتمىش يىللىق سەنئەت ھاياتىدا ئۇ 300 دىن ئارتۇق فىلىمدە رول ئالغان.

2012-يىلى دھارمېندرا ھىندىستان كىنوسىنى قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن، ھىندىستاننىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك ئالىي پۇقرالار شەرىپى بولغان «پادما بۇشان» (Padma Bhushan) مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. گەرچە ئۇزۇن داۋاملاشمىغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە قىسقا مۇددەت سىياسەتكە ئارىلىشىپ، 2004-يىلدىن 2009-يىلغىچە ھىندىستان خەلق پارتىيەسىنىڭ (BJP) پارلامېنت ئەزاسى بولغان.

دھارمېندرا ئالەمدىن ئۆتكەندە ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى ۋە نەۋرىلىرى يېنىدا تۇردى.

 

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى سۆزلىگەندە نۇرغۇن دۆلەت ۋەكىللىرى زالدىن چىقىپ كەتتى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
پاكىستان ئامېرىكا بىلەن ئىراننى «ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دىكى ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى