غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
نېتانياھۇ لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تېخى ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۆۋەتتە ئەمەلىي بىر ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى
قاتىل نېتانياھۇ: «نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يوق» دېدى

ئىسرائىلىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «KAN» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ، مىللىي بىخەتەرلىك كابېنتى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

لىۋان بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ تېخى تولۇق تاماملانمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان نېتانياھۇ: «ئىسرائىلىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە لىۋان بىلەن ھېچقانداق ئۇرۇش توختىتىش يوق» دېدى.

ھىزبۇللاھنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا ئائىت تەكلىپلەرگە قارشى چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىرقىي قىرغىنچى نېتانياھۇ: «ئىسرايلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تېخى تولۇق تۈزۈلۈپ چىقمىدى ۋە تاماملانمىدى » دېگەننىى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىر (Eyal Zamir) مۇ مەزكۇر يىغىندا سۆز قىلىپ، سىياسىي سەۋىيەدە كېيىنكى باسقۇچقا ئائىت بىر مۇساپىنىڭ بەلگىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، بىرەر قارار ئېلىنغان تەقدىردە ھۇجۇملارنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تولۇق تەييار. بىزنىڭچە، قوبۇل قىلىنىدىغان شەرتلەر ئاستىدا بىر ئۇرۇش توختىتىش پۇرسىتى بار بولسا، بۇنىڭ بىر قانچە ئايدىن كېيىن بولغىنىدىن بۈگۈن بولغىنى مىڭ ئەلا» دېدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە ئۇرۇش توختىتىش ۋەزىيىتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، لىۋانغا قارىتا 2-مارتتا شىددەتلىك ھاۋا ھۇجۇملىرىنى باشلاپ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن يېزا-بازارلارنى بېسىۋالغان ئىدى.

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، 24-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 17-ئاپرېل كۈنى كۈچكە ئىگە بولغان 10 كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنىڭ يەنە 3 ھەپتە ئۇزارتىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ۋاسىتچىلىقىدا لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا 14 - ۋە 15-ماي كۈنلىرى ئېلىپ بېرىلغان 3-نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىدە، 17-مايدىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى يەنە 45 كۈن ئۇزارتىش قارار قىلىنغان ئىدى.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باياناتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان دۆلەتكە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 3 مىڭ 558 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى واشىنگتوندىكى 4-نۆۋەتلىك سۆھبەتلەردىن كېيىن تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ، ھىزبۇللاھنىڭ ھۇجۇملىرىنى پۈتۈنلەي توختىتىشى ۋە بارلىق قوراللىق ئامىللىرىنى لىتانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن چېكىندۈرۈشى شەرتى بىلەن، كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھىزبۇللاھ بولسا، بۇ شەرتلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ئووتۇرىغا قويدى.

شۇنداق بولمىسمۇ، ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۆزىنىڭ ۋەھشىي ھۇجۇملىرىنى يەنىلا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى