تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر خاقان فىدان قىبرىستا زىيارەتتە بولماقتا
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولماقتا.
مىنىستىر خاقان فىدان قىبرىستا زىيارەتتە بولماقتا
فىدان / AP

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننى لەفكوشادا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تاھسىن ئەرتۇغرۇل ۋە مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلار قارشى ئالدى.

ئارقىدىن فىدان بىلەن ئەرتۇغرۇل يىغىن ئېچىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا سۆزلەشتى؛ يىغىندا يەنە، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېرېسنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىن توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

مىنىستىر خاقان فىدان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئىككى كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا، باش مىنىستىرى ئۈنال ئۈستئەل ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەرسىن تاتار بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.

شىۋېتسارىيەدە ب د ت باش كاتىپىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا ئارالدىكى ئىككى رەھبەر، تۈركىيە، گىرېتسىيە ھەمدە تۆۋەن دەرىجىلىك ۋەكىل ئىشتىراك قىلىدىغان ئۈچىنچى كېپىل دۆلەت ئەنگلىيە قاتنىشىدۇ.

ئىزدىنىڭ
نۇمان قۇرتۇلمۇش: «تېرروردىن خالىي تۈركىيە» مۇساپىسى رايون خاراكتېرلىك ئامانلىقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ»
تۈركىيە پاكىستاننى مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى
ئەردوغان: تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپلىرىدا ۋە شېھىت يېقىنلىرىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى ئاسراشتا چىڭ تۇرىدۇ
ئەلىخان كۇرىش جىنايى گۇرۇھىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلاندى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: «مەككە كېلىشىمى ھېچقانداق دۆلەتنى تۇتمايدۇ»
نەمرۇت تېغىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلماقتا
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
مەككە كېلىشىمى نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى
تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتار ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلغۇچى ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى
مىنىستىر خاقان فىدان قويۇق دىپلوماتىيە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە - ش ق ت ج ئارىسىدىكى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىدۇ