خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى، ھۆكۈمەت بىناسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن كىشى ئۆلدى ۋە يارىلاندى / AP

رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا قاراتقان بىر قاتار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلدى ۋە 15 كىشى يارىلاندى. ھۇجۇملارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە تۇرالغۇ بىنالىرىغا زەربە بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا قىلىنغان كەڭ كۆلەملىك رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا كەم دېگەندە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، مۇھىم بىر ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىدىن ئىس-تۈتەكلەر كۆتۈرۈلدى.

«Associated Press» ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى كىيېۋدىكى مىنىستىرلار كېڭىشى بىناسىنىڭ ئۈستىدىن ئىس-تۈتەكلەرنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆردى.

ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى يۇلىيا سۋىرېدېنكو ئۇرۇش جەريانىدا تۇنجى قېتىم بىر «دۈشمەن ھۇجۇمى»نىڭ ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق بىناسىغا زىيان سالغانلىقىنى ئىپادىلەپ، «ئۆت ئۆچۈرگۈچىلەر ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت بىناسىدىكى ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

رۇسىيە ھازىرغىچە شەھەر مەركىزىدىكى ھۆكۈمەت بىنالىرىنى نىشانلاشتىن ساقلىنىپ كەلگەن ئىدى. بۇ بىنا مىنىستىرلارنىڭ ئىشخانىلىرىمۇ جايلاشقان ئۇكرائىنا كابىنېتىغا تەۋە ئىدى.

ساقچىلار نەق مەيدانغا كىرىشنى توستى، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى رايونغا يېتىپ كەلدى. ئۇكرائىنالىق ئەمەلدارلار ھۇجۇمدا ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىيېۋ شەھەرلىك مەمۇرىيەت باشلىقى تېمۇر تكاچېنكو قازا قىلغانلار ئىچىدە بىر ياشلىق بىر بوۋاقنىڭمۇ بارلىقىنى، ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرىپىدىن خارابىلىك ئاستىدىن ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىچكو رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرىنىڭ كىيېۋنىڭ سۋىياتوشىنسكىي رايونىدىكى توققۇز قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا ۋە دارنىتسكىي رايونىدىكى تۆت قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا سوقۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

يەكشەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم رۇسىيەنىڭ كىيېۋغا ئىككى ھەپتە ئىچىدە قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى بولدى. تىنچلىق سۆھبىتىگە بولغان ئۈمىدلەر داۋاملىق ئاجىزلىماقتا.

بۇ ئارىلىقتا ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ برىيانسك رايونىدىكى «دۇروژبا» نېفىت تۇرۇبا يولىغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى روبېرت بروۋدى يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، تۇرۇبا يولىغا «كەڭ دائىرىلىك ئوت ئاپىتى زىيىنى» يەتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بروۋدى تېلېگرامدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، بۇ ترانزىت تۇرۇبا يولىنىڭ رۇسىيە نېفىتىنى ۋېنگىرىيە ۋە سلوۋاكىيەگە توشۇيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hungary, Slovakia press EU to act over Ukraine’s Druzhba pipeline attacks

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»