ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە ئېكسپورتتا يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە يەتتە ئافرىقا دۆلىتىنى «تەرەققىيات يولى» تۈرى ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» سودا لىنىيەسىگە باغلاش ئۈچۈن بۇ دۆلەتلەر بىلەن رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى.
تۈركىيە ئېكسپورتتا يېڭى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا
/ AA Archive

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سودا مىنىستىرى ئۆمەر بولاتنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ 12 ئايلىق ئوتتۇرىچە ئېكسپورتى ئىيۇن ئېيىدا 267 مىليارد دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىققان. بۇ ئۆزگىرىش دۆلەتنىڭ يەرشارى سودىسىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش تىرىشچانلىقىدا مۇھىم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ قارالماقتا ئىكەن.

سودا مىنىستىرلىقىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پەقەت ئىيۇن ئېيىدىلا ئېكسپورت يىللىق ئاساستا %8 ئېشىپ، 20 مىليارد 540 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ، يېقىنقى بىر يىلدىكى ئايلىق ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تېز بولغان بىر ئاي بولغان.

ئوخشاش مەزگىلدە ئىمپورت %15.3 ئېشىپ، 28 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ ئەھۋال ئىيۇن ئېيىدىكى تاشقى سودا قىزىل رەقىمىنى 8 مىليارد 170 مىليون دوللارغا چىقارغان بولۇپ، ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى تەمىنلەش نىسبىتى %71.5 بولغان.

2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %4.1 ئېشىپ، 131 مىليارد 440 مىليون دوللارغا يەتكەن. شۇ مەزگىلدە ئىمپورت يىللىق ئاساستا %7.2 ئېشىپ، 180 مىليارد 870 مىليون دوللارغا يۈكسەلگەن.

بۇ ئالتە ئايلىق مەزگىلدە دۆلەتتە 49 مىليارد 430 مىليون دوللارلىق سودا قىزىل رەقىمى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئېكسپورتنىڭ ئىمپورتنى تەمىنلەش نىسبىتى %72.7 بولغان.

ئافرىقا بىلەن بولغان سودا كارىدورلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشى

رېكورت ياراتقان سودا سانلىق مەلۇماتلىرى تۈركىيەنىڭ يېڭى كېلىشىملەر ئارقىلىق ئافرىقا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ ھەپتە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرشارى قاتناش-تىرانسپورت لىنىيەلىرى مۇنبىرى»دە تۈركىيە يەتتە ئافرىقا دۆلىتىنى «تەرەققىيات يولى» تۈرى ۋە «ئوتتۇرا كارىدور» سودا لىنىيەسىگە باغلاش ئۈچۈن ئۆزئارا رامكا كېلىشىمى ئىمزالىدى. «ئوتتۇرا كارىدور»غا خىتايدىن ياۋروپاغا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە ئارقىلىق تۇتىشىدىغان يېڭى بىر ياۋرو-ئاسىيا سودا ئوقى دەپ قارالماقتا.

قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئابدۇلقادىر ئۇرالئوغلۇ مۇنبەرگە بۇركىنا فاسو، كونگو، جىبۇتى، ئېفىيوپىيە، گانا، گىۋىنېيە، ماراكەش، سومالى، ماۋرىتانىيە، لىبېرىيە، نامىبىيە، پىل چىشى ساھىلى ۋە مىسىردىن يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنىڭ قاتناشقانلىقىنى، شۇنداقلا ئافرىقانىڭ يەرشارى ئەشيا ئوبوروتى ۋە تىرانزىت كارىدورلىرىغا ئۇلىنىشىنى مەركەز قىلغان مەخسۇس بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇرالئوغلۇ: «بۇ ھەمكارلىقلار پەقەت ئۇل ئەسلىھە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، بەلكى يەنە تۈركىيە بىلەن ئافرىقا قىتئەسى ئارىسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك سودا ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى نىشان قىلىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، ئافرىقا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنى تېخىمۇ كەڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىدى.

قاتناش لىنىيەلىرى ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېڭەيتىلىشىگە تۈركىيەنىڭ ئېكسپورت بازالىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئەنئەنىۋى سودا شېرىكلىرىگە بولغان تايىنىشنى ئازايتىش يۆنىلىشىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىقتىسادىي نىشانلىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قەدەم سۈپىتىدە قارالماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق