خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ھىندونېزىيەدىكى سېمېرۇ يانار تېغى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتتە قېتىم پارتلىدى
دائىرىلەر بېسۇك كوبوكان دەريا ساھىلىنىڭ 500 مېتىر ئەتراپىدا ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.
ھىندونېزىيەدىكى سېمېرۇ يانار تېغى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتتە قېتىم پارتلىدى
ھىندونېزىيەدىكى سېمېرۇ يانار تېغى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتتە قېتىم پاتلىدى / Reuters

دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي جاۋا رايونىدىكى سېمېرۇ يانار تېغى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلەردە ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتتە قېتىم پرتلاپ، يانار تاغ كۈللىرىنى چوققىسىدىن 800 مېتىر ئېگىزلىككە پۇركىگەن.

ئانتارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى پارتلاش (سەيشەنبە كۈنى) ئەتىگەن سائەت 4:58 دە يۈز بەرگەن بولۇپ، شىمالىي شەرقكە قاراپ ئاقىدىغان قويۇق كۈلرەڭ كۈل بۇلۇتى ھاسىل قىلغان.

يەر تەۋرەش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دولقۇن كەڭلىكى 22 مىللىمېتىر دەپ خاتىرىلەنگەن بولۇپ، 138 سېكۇنت داۋاملاشقان.

ئۇنىڭدىن كېيىن سائەت 06:10  ۋە 06:56 دىمۇ پارتلاشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، كۈللەر 300 مېتىردىن 700 مېتىرغىچە ئېگىزلىككە چىققان. سائەت 07:05 تىكى يەنە بىر پارتلاشتا بولسا 600 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بىر كۈل بۇلۇتى شىمالغا قاراپ تارقالغان.

بەشىنچى قېتىملىق پارتلاش 800 مېتىرغىچە يەتكەن. دائىرىلەر يانار تاغنىڭ ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان.

دائىرىلەر ئاھالىلەرنى ئىسسىق بۇلۇتلار ۋە لاۋا ئېقىنلىرىنىڭ يانار تاغ چوققىسىدىن 17 كىلومېتىرغىچە يېتىپ بارالايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى ھەمدە بېسۇك كوبوكان دەريا ساھىلىنىڭ 500 مېتىر ئەتراپىدىكى پائالىيەتلەردىن ساقلىنىشقا چاقىردى.

تىنچ ئوكيان «ئوت ھالقىسى» غا جايلاشقان ھىندونېزىيەدە يەر تەۋرەش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ۋە بۇ دۆلەتتە 120 دىن ئارتۇق ئاكتىپ يانار تاغ مەۋجۇت.

ئىزدىنىڭ
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى