غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
سموترىچ: «نېتانياھۇنىڭ غەززە پىلانىدا ئىشەنچ قالمىدى، تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللانماقتا» دېدى
بەتنام ئاشقۇن ئوڭچىل مىنىستىر، قورشاۋدىكى غەززەنىڭ خارابىلىككە ئايلانغان رايونىدا دەرھال ھەر تەرەپلىمە ۋەيرانچىلىق ئېلىپ بېرىپ، قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.
سموترىچ: «نېتانياھۇنىڭ غەززە پىلانىدا ئىشەنچ قالمىدى، تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللانماقتا» دېدى
سموترىچ: «نېتانياھۇنىڭ غەززە پىلانىدا ئىشەنچ قالمىدى، تېخىمۇ قاتتىق سىياسەت قوللانماقتا» / Reuters Archive

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچ، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قورشاۋدىكى غەززەگە قاراتقان ئۇرۇش مەيدانىغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئاشقۇن ئوڭچىل مىنىستىر شەنبە كۈنى قىلغان سۆزىدە، غەززەنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىشقا يۈزلەنگەن «باسقۇچلۇق پىلان» غا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سموترىچ، بۇنىڭ ئورنىغا دەرھال ۋە ھەر تەرەپلىمە ھۇجۇم قىلىپ، ئارقىدىن غەززەدە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە بۇ رايوننى كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونىغا ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان سموترىچ، X  سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بىر سىنئالغۇدا مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاخىرقى كابىنېت يىغىنىدا (جۈمە كۈنى ئەتىگەندە)، مەن باش مىنىستىرنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى مۇتلەق غەلىبىگە يېتەكلىيەلەيدىغانلىقىغا ۋە بۇنى خالايدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمنى يوقاتتىم»

ئۇرۇش كابىنېتى، باش مىنىستىر نېتانياھۇنىڭ غەززەنى پۈتۈنلەي ئىشغال قىلىش ۋە پەلەستىنلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا كۆچۈرۈشنى كۆزدە تۇتقان «باسقۇچلۇق پىلانى» نى تەستىقلىدى. ئەمما بۇ پىلان، ئەسىرلەرنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسەتكەن ئىسرائىلىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

بۇ پىلاننى مەسخىرە قىلغان سموترىچ: «نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ كابىنېتى، غەلىبىنى نىشان قىلمىغان، ئەكسىچە ھاماسقا قىسمەن ئەسىر كېلىشىمى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى» دېدى.

ئاشقۇن ئوڭچىل مىنىستىر نېتانياھۇنى «كابىنېتنى قايتا يىغىپ، بۇ قېتىم يولدىن توختاپ قالمايدىغانلىقىنى، قىسمەن كېلىشىم بولمايدىغانلىقىنى، مۇتلەق ۋە ئېنىق غەلىبە قەدىمىنىڭ تاشلىنىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلىش» قا چاقىردى.

سموترىچ غەززەدىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىنى چەكلەشكە ئائىت چاقىرىقلارغا ئىزچىل قارشى چىقىپ، پەلەستىنلىكلەرنى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇراق رايونلىرى ئۈچۈن كۆچۈرۈش مەقسىتىدە ھۇجۇملارنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel’s decision to occupy Gaza is 'absolutely unacceptable': Erdogan

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ، 61 مىڭ 300 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ يىقىلغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، غەززەدىكى دائىرىلەر ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھەقىقىي قازا قىلغانلار ساننىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋامىدا قورشاۋدىكى رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىگە ئايلاندۇرۇش  بىلەن بىرگە، بارلىق غەززە نوپۇسنى دېگۈدەك يۇرت-ماكانىدىن ئايرىدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە كەڭ دائىرىلىك جازا يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا
دەسلەپكى نەتىجىلەرگە قارىغاندا، پۇتىننىڭ پارتىيەسى پارلامېنت سايلىمىدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن
ئەردوغان نىيۇيوركتىكى تۈرك ئۆيىگە يېتىپ بارغاندا ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى