ئېلون ماسكنىڭ ترامپنىڭ قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىكى ھەرىكىتى كۈچلۈك دەتالاش پەيدا قىلدى
ئېلون ماسكنىڭ دونالد ترامپنىڭ تەرەپدارلىرىغا خىتاب قىلىش ئەسناسىدىكى ناتسىستلارنىڭ سالىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرىكىتى تالاش-تارتىش تېمىسىغا ئايلاندى.
ئامېرىكالىق مىليادېر ئېلون ماسكنىڭ، قەسەم بېرىپ رەسمىي ھالدا ئامېرىكانىڭ 47-پىرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپنىڭ تەرەپدارلىرىغا خىتاب قىلىش ئەسناسىدىكى ناتسىستلارنىڭ سالىمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرىكىتى تالاش-تارتىش تېمىسىغا ئايلاندى.
ماسك ۋاشىنگتوندىكى كاپىتال ۋان ئارېنا تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە سۆز قىلىپ: «بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى (سايلام غەلىبىسىنى) قولغا كەلتۈرگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن ۋە كەينىدىنلا ناتسىستلارنىڭ سالىمىغا ئوخشاش سالام قىلىپ: «قەلبىم سىلەر بىلەن بىللە» دېگەنىدى.
ماسك يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مەدەنىيەتنىڭ كەلگۈسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىنىڭلار ئۈچۈن رەھمەت» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىغانىدى.
بۇ ھەرىكەتتىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا نۇرغۇن ئابۇنىتلار ماسكنى «ناتسىستلارنىڭ سالىمىنى قىلدى» دەپ ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈردى.