خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى قايتۇرما زەربە ئەمەس
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمەن ئەسسافەدى ئىراننىڭ ئۆز دۆلىتىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى «قەستەن قىلىنغان ھەرىكەت» دەپ سۈپەتلىدى.
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى قايتۇرما زەربە ئەمەس
ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى: ئىراننىڭ ھۇجۇملىرى قايتۇرما زەربە ئەمەس

ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمەن ئەسسافەدى ئاۋىستىرىيە زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران بىلەن يۈز بەرگەن كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەسسافەدى ھورمۇز بوغۇزىدىكى دېڭىز قاتنىشى ئەركىنلىكى ۋە قوشنىدارچىلىق پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىراننىڭ ئۆز دۆلىتىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىگەن ئەسسافەدى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ بىر «قايتۇرما زەربە» ئەمەسلىكىنى، بەلكى «قەستەن قىلىنغان ھەرىكەت» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ۋەزىرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ ئارىدىن ئاران ئىككى سائەت ئۆتمەيلا، ئىراننىڭ ئىيوردانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنى نىشانلىشىنى بىر «ئىنكاس» دەپ قوبۇل قىلغىلى بولمايدىكەن. ئۇ رايوندىكى جىددىيچىلىكنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى