تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ
مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئەمەلدارلار ت ر ت ۋورلد (TRT World) مۇنبىرىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، باشقۇرۇش، كىلىمات، تېخنىكا ۋە خەلقئارالىق تەرەققىياتلارنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يۇقىرى دەرىجىلىك شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ
ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى / TRT World

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇ مۇنبەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى 9-قېتىم 31-ئۆكتەبىردىن 1-نويابىر (2025) غىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. پائالىيەت ئوخشىمىغان ساھەلەردىن كەلگەن نۇرغۇن نۇتۇق سۆزلىگۈچى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىس -ت ر ت(TRT)  تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ مۇنبەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن مۇتەخەسسىسلەرنى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى بىر يەرگە جەم قىلىدۇ.

بۇ يىللىق (2025) مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى «يەرشارى خاراكتېرلىك قايتا قۇرۇش: كونا تەرتىپتىن يېڭى رېئاللىققا» بولۇپ، مۇنبەر كۈنسېرى ئېشىۋاتقان يەرشارى خاراكتېرلىك تۇراقسىزلىق ۋە خەلقئارا جەمئىيەت دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىدۇ.

ئۆتكەن يىللاردا نەچچە مىڭ قاتناشقۇچىنى كۈتۈۋالغان ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەتچىلەرنىڭ ۋە دىپلوماتلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىغانىدى.

بۇ يىللىق يىغىنلاردا تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى، سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيادىكى دىپلوماتىيە ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. شۇنداقلا يىغىنلاردا يەنە، يەر شارى گېئو-سىياسىتى، خەۋپسىزلىك، كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە، تېخنولوگىيە، ئاخبارات، خەلقئارا قانۇن ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق ساھەلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

-2017يىلدىن باشلاپ مۇنبەرگە قاتنىشىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بۇ يىلمۇ خەلقئارالىق تەرەققىياتلارغا مۇناسىۋەتلىك نۇتۇق سۆزلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ مۇنبەر سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قارار چىقارغۇچىلارنى جەم قىلىش ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلارنى باشقۇرۇشقا ۋە ئۆزگىرىش جەريانلىرىغا ئائىت يېڭى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىئىينەزەر بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2025-يىللىق ت ر ت ۋورلد مۇنبىرى  ئۈچۈن تىزىملىتىش «trtworldforum.com» ئادرېسى ئارقىلىق داۋام قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
خاقان فىدان ئاسىيا بىخەتەرلىك باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا يېتىپ باردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
غەربىي قىرغاقتا ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر TRT نىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا توسالغۇ بولدى
تەيۋەن: خىتايدىكى ئۆپكە ۋاباسى كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كۆزىتىمىز
زېلېنسكىي: پۇتىن ترامپقا «ھۆرمەتسىزلىك» قىلدى
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
غەززەدە ئۇرۇش توختىتىلغاندىن بۇيان ئۆلگەن پەلەستىنلىكلەر 1500 دىن ئاشتى
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى