خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
ئامېرىكا پېرىزىدېنتى، تېھران ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەردە ئاخىرقى ئىمزالارنىڭ ئىنتايىن يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۈشەنبە، سەيشەنبە ياكى چارشەنبە كۈنى بىر كېلىشىم ئىمزالىنىشى مۇمكىن» دېدى.
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى / AP

ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، ئىراننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن تېھران ھۆكۈمىتىنى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىشكە چاقىردى. ترامپ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئاخىرقى بىر تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىنلىكىدىن سىگنال بەردى.

ترامپ «Fox News» قانىلىغا بايانات بېرىپ: «باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىڭلارنى ئاتتىڭلار، مۇشۇنچىلىك قىلغىنىڭلار يېتەرلىك. ئەمدى مۇزاكىرە ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ، بىر كېلىشىم تۈزۈڭلار» دېدى. ئامېرىكا پېرىزىدېنتى تېھران بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەتلەردە ئاخىرقى ئىمزالارنىڭ ئىنتايىن يېقىنلاپ قالغانلىقىنى تەكىتلەپ: «دۈشەنبە، سەيشەنبە ياكى چارشەنبە كۈنى بىر كېلىشىم ئىمزالىنىشى مۇمكىن» دېدى.

«ھۇجۇملاردىن مەمنۇن ئەمەسمەن»

ئىراننىڭ ھايفا ۋە ناسىرا شەھەرلىرىنى نىشانلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى، 8-ئاپرېلدا كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىشتىن كېيىن، ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قىلىنغان تۇنجى بىۋاسىتە زەربە بولدى. بۇ ھۇجۇم ئىسرائىلىيەنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە لىۋاننىڭ پايتەختى بەيرۇتقا قىلغان بومباردىمانچىلىقىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ترامپ، بۇ ھەربىي مەشغۇلاتلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئېلىپ بېرىلمىقانلىقىنى تەكىتلىدى. ترامپ بەيرۇتتا ھىزبۇللاھنى نىشانلىغان ھۇجۇملاردىن «مەمنۇن ئەمەسلىكىنى» تىلغا ئالدى.

ترامپ نېتانياھۇغا تېلېفوندا «قايتۇرما زەربە بەرمە» دېدى

ئىراننىڭ ھۇجۇملىرىدا ھېچكىمنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ قىلمىشقا قايتۇرما جاۋاب قايتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆزئارا قايتۇرما زەربە بېرىشلەرنىڭ تۈگىمەس بىر ئايلانما ئۇرۇش قالايمىقانچىلىققا يول ئاچىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ترامپ: «ئۆزئارا ھۇجۇملار خۇددى ئۆتكەن 47 يىلدا ياكى ئاخىرقى 3 مىڭ يىلدا بولغىنىدەكلا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېتىۋېرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇنىڭ لىۋان بىلەن «ئۈزلۈكسىز ئۇرۇش قىلىش» يۆنىلىشىدىكى پوزىتسىيەسىدىن «بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى» مۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىكنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا پېرىزىدېنتى، «Axios» غا بەرگەن باياناتىدا، نېتانياھۇغا تېلېفون قىلىپ، ئىرانغا قارىتا قايتۇرما زەربە بەرمەسلىكنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - At least 11 killed, 15 injured in Israeli air strikes on Beirut, southern Lebanon despite ceasefire
ئىزدىنىڭ
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
ئىراننىڭ بەزى شەھەرلىرى ۋە كېشم ئارىلىدا پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى
تايلاندتىكى بىر بەزمىخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئەلىيېۋ تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىگە باھا بەردى: بۇنچىلىك دوست بولغان باشقا ئىككى دۆلەت يوق
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى