خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
كايا كاللاس: «خىتاي بىلەن رۇسىيە بايرام قىلىۋاتقان بولسا كېرەك» دېدى
كايا كاللاس ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە بويلىغان تاموژنا بېجى تەھدىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «خىتاي بىلەن رۇسىيە بايرام قىلىۋاتقان بولسا كېرەك» دېدى.
كايا كاللاس: «خىتاي بىلەن رۇسىيە بايرام قىلىۋاتقان بولسا كېرەك» دېدى
كايا كاللاس: «خىتاي بىلەن رۇسىيە بايرام قىلىۋاتقان بولسا كېرەك» دېدى / Reuters

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس ترامپنىڭ تاموژنا بېجى تەھدىتلىرىنىڭ ھەم ياۋروپانى ھەم ئامېرىكانى نامراتلاشتۇرۇش خەۋپى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە مەسىلىسى سەۋەبلىك سەككىز دۆلەتكە تاموژنا بېجى قويۇش پىلانىنى تەنقىد قىلىپ؛ ئىتتىپاقداشلار ئارىسىدىكى بۆلۈنۈشتىن ئەسلى «مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىلەر»نىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كاللاس شەنبە كۈنى X ھېساباتىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا: «خىتاي ۋە رۇسىيە ھازىر بايرام قىلىۋاتقان بولسا كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى. گىرېنلاندىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بىر خەتەر بولسا، ئىتتىپاقداشلارنىڭ بۇنى ناتو دائىرىسىدە كېڭەشسە بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان كاللاس، تاموژنا بېجىنىڭ ھەم ياۋروپانى ھەم ئامېرىكانى نامراتلاشتۇرۇش خەۋپى بارلىقىنى ۋە «ئورتاق پاراۋانلىقنىڭ ئۇلىغا ھۇجۇم قىلىش» ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

كاللاس يەنە: «بۇ ئىختىلاپنىڭ بىزنى ئەسلى ۋەزىپىمىز بولغان رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قاراتقان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن چەتنىتىپ قويۇشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك» دېدى.

ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى ئانتونىيو كوستاد ۋە كومىتېت رەئىسى ئۇرسۇلا فون دېر لېيېنمۇ تاموژنا بېجىنىڭ تىرانس-ئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ۋە «خەتەرلىك بىر چېكىنىش قاينىمى خەۋپى» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىنكاسلار، ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئەندىشىلىرىنى باھانە قىلىپ، 1-فېۋرالدىن باشلاپ ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتتىن كېلىدىغان ماللارغا يېڭى تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ۋە باج نىسبىتىنىڭ ئىيۇن ئېيىدا شىددەت بىلەن ئاشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Europe pushes back hard against Trump’s Greenland tariff threats

«داداكاڭلارنى قۇتراتماڭلار»

بۇ ئارىلىقتا، رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ۋە رۇسىيە بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ رەئىسى كىرىل دمىترىيېۋ، ترامپنىڭ گىرېنلاندىيە ئىختىلاپى سەۋەبىدىن ياۋروپادىكى سەككىز دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويۇش قارارىدىن كېيىن، ياۋروپانى «دادىكىسىنى قۇتراتماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

دمىترىيېۋ X ھېساباتىدا ئېلان قىلغان يازمىسىدا: «ترامپ؛ گىرېنلاندىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىپ ‹خەتەرلىك بىر ئويۇن› ئوينىغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگلىيە، دانىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، فىنلاندىيە، گوللاندىيە ۋە نورۋېگىيەگە %10 لىك تاموژنا بېجى كاچىتى ئۇردى» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى. دمىترىيېۋ بۇ باجنىڭ «گىرېنلاندىيەگە ئەۋەتىلگەن ھەر بىر ئەسكەر بېشىغا تەخمىنەن %1 لىك بەدەل»گە توغرا كېلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

دانىيە پادىشاھلىقىغا قاراشلىق ئاپتونوم رايون بولغان گىرېنلاندىيە؛ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، مول كان بايلىقلىرى ۋە رايوندا ئېشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن رۇسىيە ۋە خىتاي پائالىيەتلىرىگە بولغان ئەندىشىلەر سەۋەبىدىن ئامېرىكانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ترامپ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ رايون ئۈستىدە كونتروللۇق ئورنىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ گىرېنلاندىيەنى «سېتىۋېلىشى» كېرەكلىكىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان ئىدى.

دانىيە ۋە گىرېنلاندىيە بولسا زېمىن سېتىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ، ئارالنىڭ دانىيە ئىگىلىك ھوقۇقى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
ئىران ئۇكرائىنانىڭ ھازار دېڭىزىدا ئىرانغا ئائىت بىر سودا پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا 763 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ سېلىشنى پىلانلىماقتا
بېرلىندا ئامما ئارىسىغا بىر ئاپتوموبىل بېسىپ كىردى. 1 كىشى ئۆلۈپ، 10 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى
ترامپ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قېيىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىرانغا قارىتا ھەربىي ھەرىكەتنى ۋاقىتلىق توختاتتى
ئىران، بەھرەيىن، ئىيوردانىيە ۋە كۇۋەيتتىكى ئامېرىكا ھەربىي نىشانلىرىغا زەربە بەردى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەتتە كىشى قازا قىلدى
رومىنىيە ئىككى كۈن ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردى
تۈركىيە تۆت پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «قىرغىنچىلىق سىياسىتى» نى ئەيىبلىدى
ترامپ ئىراننىڭ مۇزاكىرىلەردە ئەمدى تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ب د ت باش كاتىپى ئارىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن دەمەشقتا زىيارەتتە بولماقتا
ياۋروپا ئىتتىپاقى: «پۇتىن ۋاقىت ئۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا»
ئىتالىيەدە ئورمان ئوت ئاپىتى چىقىرىش ئۈچۈن مۆشۈكلەرنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى
پەسىللىك يامغۇر ھىندىستانغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى. 50 كىشى ئۆلۈپ، 700 مىڭ كىشى ئۆي-ماكانسىز قالدى