سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇتتې: ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشىمىز كېرەك، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق
ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې (Mark Rutte) «IISS» پىراگا دۆلەت مۇداپىئە يىغىنىدا: «تەھدىت ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا تۈگىمەيدۇ» دېدى.
رۇتتې: ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشىمىز كېرەك، رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق
ناتو باش كاتىبى روتتې بريۇسسېلدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. سۈرەت: ئانادولۇ ئاگېنتلىقى. / AA
2025-يىلى9-ئاينىڭ4-كۈنى

ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتې پەيشەنبە كۈنى (4-ئاۋغۇست) بايانات ئېلان قىلىپ: «موسكۋانىڭ غەرب ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلىپ-ئەۋەتىلمەسلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى يوق، كىيېۋنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. بىز نېمىشقا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئەسكەرلەر ھەققىدە نېمە ئويلايدىغانلىقىغا قىزىقىمىز؟ ئۇ بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت. بۇ مەسلىدە قارار قىلىش ھوقۇقى ئۇكرائىنانىڭ باشقىلارنىڭ ئەمەس» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئۇكرائىنا بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت، ئەگەر ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىنى قوللاش ئۈچۈن ئۇكرائىنادا بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئارمىيەسىگە ئىگە بولۇشنى خالىسا، بۇ ئۇلارنىڭ قارارى. باشقا ھېچكىم بۇنىڭغا ئارىلىشالمايدۇ. مېنىڭچە بىز (رۇسىيە پرېزىدېنتى) پۇتىننى بەك كۈچلۈك كۆرۈۋېلىشتىن ۋاز كېچىشىمىز كېرەك.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Peace push between Russia, Ukraine still alive despite setbacks: Trump

تەھدىت بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا تۈگىمەيدۇ

باش كاتىپ رۇتتې رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشىنى ھازىرقى بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ «ئەڭ روشەن مىسالى» دەپ ئاتىدى، ئەمما بۇنىڭ توقۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تەھدىت بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا تۈگىمەيدۇ. يەنە كېلىپ تەھدىت رۇسىيە بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورېيە يەككە ھالدا ۋە ھەمكارلىشىپ قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. ئۇلار مۇداپىئە سانائەت ھەمكارلىقىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن سەۋىيەگە چىقاردى. ئۇلار ئۇزۇن مۇددەتلىك توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى-تېنچ ئوكيان بىخەتەرلىك رايونى ئوتتۇرىسىدىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان باغلىنىشنى تەكىتلىدى ھەمدە ياپونىيە، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زېلاندىيە ۋە كورېيە بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىققا ئىشارەت قىلىپ سۆزىنى يەنە مۇنداق داۋاملاشتۇردى:

«ئەگەر خىتاي بىر كۈنى تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلسا، ئۇ پەقەت بۇ ھۇجۇم بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. شى جىنپىڭ نېمىشقا كىچىك ھەمراھى ۋلادىمىر پۇتىنغا تېلېفون قىلىپ، ياۋروپا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدا بىزنى ئاۋارە قىلمىسۇن؟.»

يالغۇز پۇل بىلەنلا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدۇ

ناتو باش كاتىپى يالغۇز پۇل بىلەنلا بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىتتىپاق بويىچە تېخىمۇ كۈچلۈك دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى تىرىشچانلىقلىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ: «پۇل يالغۇز بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. بىز قابىلىيەت، ھەقىقىي ئۇرۇش كۈچى، ئېغىر تىپلىق قوراللار، شۇنداقلا يېڭى تېخنولوگىيەلەرگە موھتاج. بۇ ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئىتتىپاقىمىز مىقياسىدا ئىلگىرىكىدىن تېز تەمىنلىنىشى كېرەك بولغان شەيئىيلەردۇر... بىز يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشلەپچىقارمايۋاتىمىز» دېدى.

ئۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىدىن تۆۋەن بولۇشىغا قارىماي، ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى خاتىرىلىتىش بىلەن بىرگە، ياۋروپانىڭمۇ ھازىر ئىشلەپچىقىرىشنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئامېرىكا رەھبەرلىكىنى، بولۇپمۇ پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدىكى رەھبەرلىكىنى ماختىدى، ھەمدە بۇنىڭ ئىتتىپاقداشلارنى تېخىمۇ يۇقىرى دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا ياردەم بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ: «ترامپ بولمىغان بولسا بۇ ئىشلار بولمايتتى» دېدى ۋە ئىتالىيە، كانادا، ئىسپانىيە، بېلگىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئىيۇن ئېيى (2025) دا گائاگادا ئېچىلغان يىغىنىدا، %5 دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, US coordinate new talks as Ukraine rules out compromise

ئىزدىنىڭ
كىرېمىل سارىيى: كېلەر قېتىملىق رۇسىيە-ئۇكرائىنا-ئامېرىكا سۆھبىتى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن
ئەردوغان: ئۇرۇش رايونغا كېڭىيىپ كەتمەستىن دەرھال توختىتىلىشى كېرەك
ئاراقچى ئامېرىكانىڭ «ئىران ھۇجۇم پىلانلانغان» دېگەن دەۋاسىنى «تولۇق ۋە مۇتلەق يالغان» دەپ رەت قىلدى
تىرامپ ھۈرمۈز بوغۇزىدىكى مىنالار سەۋەبلىك ئىرانغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن» تەھدىت سالدى
ئاۋسترالىيە ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ يەنە 2 ئەزاسىغا پاناھلىق بەردى
ب د ت يېقىلغۇ يېتىشمەسلىكنىڭ غەززەدىكى خىزمەتلىرىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى
رىياد ئىراننىڭ نېفىتلىككە قاراتقان يېڭى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىنى توسۇپ قالدى
پەزەشكىياننىڭ ئوغلى: يېڭى دىنىي رەھبەر ئۇرۇش جاراھەتلىرىگە قارىماي «ساق-سالامەت»
دوللار تەۋرىنىشكە باشلىدى
شىۋېيتسارىيەدە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىش ۋەقەسىدە ئالتە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىران ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ بىر ئەزاسى ئاۋسترالىيەدىن پاناھلىق تىلەش قارارىدىن ۋاز كەچتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى
ئىران نېفىت ئۇل-ئەسلىھەلىرىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلماقتا
سېئۇل-ۋاشىنگتون ھەربىي مانېۋىرى مەزگىلىدە پىيوڭياڭ ئىككىنچى قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى
موسكۋا: ئىراننىڭ ئىسپاھان شەھىرىدىكى كونسۇلخانا زىيانغا ئۇچرىدى