خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
تىنچ ئوكيان مىقياسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىكار قىلىنىشى بىلەن مىليونلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىغا قايتماقتا
تىنچ ئوكيان مىقياسىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مىليونلىغان كىشى ئۆيلىرىگە قايتماقتا،
تىنچ ئوكيان مىقياسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىكار قىلىنىشى بىلەن مىليونلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىغا قايتماقتا
تىنچ ئوكيان مىقياسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بىكار قىلىنىشى بىلەن مىليونلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىغا قايتمامقتا / AP

يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى رۇسىيەدىن تارتىپ ئېكۋادورغىچە بولغان جايلاردا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ پەسلىشى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، زور بۇزغۇنچىلىق ئەندىشىسى ئازايدى.

تىنچ ئوكيان مىقياسىدا دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيەنىڭ كامچاتكا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن زور يەر تەۋرەشتىن كېيىن دېڭىز بويىدىكى رايونلاردىن تارقاقلاشتۇرۇلغان مىليونلىغان كىشى ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىدى.

1900 - يىلىدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن ئەڭ كۈچلۈك يەر تەۋرەشلەرنىڭ بىرى بولغان 8.8 بال چوڭلۇقتىكى بۇ يەر تەۋرەش ياپونىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە ئېكۋادورنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە دۆلەتتە دېڭىز تاشقىنى ئاگاھلاندۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بەزى رايونلاردا دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ تۆت مېتىرغىچە ئۆرلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىشى كەڭ كۆلەملىك مالىمانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

پېرۇ تىنچ ئوكياندىكى پورتلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى تاقىغان بولسا، ھاۋاينىڭ ماۋئى ئارىلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى بىكار قىلىندى.

بىراق، چارشەنبە كۈنى كەچكە كەلگەندە ئاپەت ئەندىشىسىنىڭ پەسلىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەتلەر بىر-بىرلەپ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشكە ياكى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشقا باشلىدى.

ياپونىيەدە ئاگاھلاندۇرۇش بىكار قىلىنىشتىن ئىلگىرى، تەخمىنەن ئىككى مىليون كىشىگە ئېگىزرەك جايلارغا يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

2001 -  يىلى دېڭىز تاشقىنى يۈزىسىدىن ۋەيران بولغان فۇكۇشىما يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە قىسقا ۋاقىتلىق تارقاقلاشتۇرۇلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قېچىشقا ئۇرۇنۇش جەريانىدا ماشىنىسى بىلەن قىياغا دومىلاپ كەتكەن بىر ئايال شوپۇر ياپونىيەدىكى بىردىنبىر ئۆلۈم ۋەقەسى بولغان.

چىلى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۆلەت تارىخىدىكى «بەلكىم ئەڭ چوڭ تارقاقلاشتۇرۇش» دەپ ئاتىغان بىر ھەرىكەت بىلەن 1.4 مىليون كىشىنى دېڭىز بويى رايونىدىن يىراقلاشتۇردى.

كېيىنچە، ئەمەلدارلار ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ياكى زىيان كۆرۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ ئاران 60 سانتىمېتىرغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئېكۋادورنىڭ گالاپاگوس ئاراللىرىدا دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئۈچ مېتىرغىچە ئۆرلىشى مۆلچەرلەنگەن بولسىمۇ، دېڭىز سۈيى ئاران بىر مېتىر ئۆرلىگەن ھەمدە ھېچقانداق زىيان يۈز بەرمىگەن.

سانتا كرۇز ئاھالىسى ئىسابېل گرىجالۋا: «ھەممە ئىش جايىدا، مەن خىزمىتىمگە قايتىۋاتىمەن» دېدى.

ئۇقتۇرۇشلار، جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە باغچىلارنىڭ تاقىلىشى دېڭىز ساھىللىرى ۋە دېڭىز بويىدىكى جەلپكار جايلارنىڭ بوشاپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

ساياھەتچىلەر سەيلە كېمىلىرىدىن تېزلىكتە تارقاقلاشتۇرۇلدى ھەمدە تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلاردا مەكتەپلەر تاقالدى.

ئەڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغان جاي: رۇسىيە

دېڭىز تاشقىنىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرى رۇسىيەدە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ يەردە بىر دولقۇنى سېۋېرو-كۇرىلسك پورت بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، يەرلىك بېلىق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى سۇ بېسىپ، قالدۇقلارنى ئىچكىرىگە سۈرۈپ كەتتى.

رۇسىيە دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەردە، بىنا ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ دېڭىزغا سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى.

بۇ يەر تەۋرەش كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدە كىچىك دائىرىلىك زىيان ۋە يېنىك دەرىجىدىكى يارىلىنىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئالىملار يەنە يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، كلىيۇچېۋسكوي يانار تېغىنىڭ پارتلاپ، «قىپقىزىل لاۋا» لارنىڭ تاغ قىيالىرىدىن تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشكەنلىكىنى ۋە كۆرۈنەرلىك پارتلاشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەر تەۋرەش 1900-يىلىدىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدا خاتىرىلەنگەن ئەڭ كۈچلۈك 10 يەر تەۋرەشنىڭ قاتارىغا كىرگەن.

يەر تەۋرەشتىن كېيىن، 6.9 بال چوڭلۇقتىكى يەنە بىر قېتىملىق تەۋرىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلىغان ئەگەشمە يەر تەۋرەش يۈز بەردى.

رۇسىيەنىڭ يەر تەۋرەش مۇتەخەسسىسلىرى يېقىنقى كۈنلەردە 7.0 بالدىن يۇقىرى ئەگەشمە يەر تەۋرەشلەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - An 8.8 magnitude earthquake hits Russia's Kamchatka, triggering tsunami warnings in many countries

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»