سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە كابېنتى غەززە كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
ئىسرائىلىيە كابېنتى ترامپنىڭ غەززە كېلىشىمىنى تەستىقلاپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتقۇن-مەھبۇس ئالماشتۇرۇشنىڭ يولىنى ئاچتى.
ئىسرائىلىيە كابېنتى غەززە كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى جەنۇبتىن غەززە چېگراسىغا يېقىنلاشتى. 2025-يىل 9-ئۆكتەبىر. سۈرەت: ئا پ. / AP
2025-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنى

ئىسرائىلىيە كابىنېتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. بۇ كېلىشىمنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، ئىسرائىلىيە يۈزلەرچە پەلەستىنلىك مەھبۇسنى غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلغان تۇتقۇنلارغا ئالماشتۇرۇش، ئارمىيە قىسىملىرىنى غەززەنىڭ بەزى جايلىرىدىن چېكىندۈرۈش ۋە ھەر كۈنى يۈزلەرچە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم يۈك ماشىنىلىرىنىڭ غەززەگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

ئامېرىكا، تۈركىيە، قاتار ۋە مىسىرنىڭ ۋاسىتىچىلىقى ۋە كاپالەتچى بولۇشى بىلەن تۈزۈلگەن بۇ كېلىشىم، ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىنغان غەززەدىكى ئىككى يىلدىن ئاشقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق كەڭ دائىرىلىك شەرتنامە ھېسابلىنىدۇ.

ئىسىرائىلىيە كابېنتى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى جۈمە (10-ئۆكتەبىر) كۈنى ئەتىگەندە تەستىقلىدى.

ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ: «بىنيامىن نېتانياھۇ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت غەززە رايونىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى (غەززەدىكى ئىسرائىلىيەلىك مەھبۇسلار) قايتۇرۇپ كېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىدى» دېدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كابىنېت يىغىنى باش ئىشتاب باشلىقى ئىيال زامىرنىڭ بىخەتەرلىك ھەققىدىكى دوكلاتى بىلەن باشلانغان. يەنە قوشۇمچە قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) ۋە ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارېد كۇشنېر (Jared Kushner) ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ بىلەن سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىللە يىغىنغا قاتناشقان.

يىغىن بىر قانچە سائەت كېچىكىپ باشلاندى. بۇرۇنقى بىخەتەرلىك كابىنېتى يىغىنى ترامپنىڭ 20 ماددىلىق غەززە تىنچلىق كېلىشىمىگە بېلەت تاشلىمايلا ئاخىرلاشقان ئىدى.

ئىسرائىلىيە كان تېلېۋىزىيەسى «غەززە ئۇرۇشىنى تولۇق ئاخىرلاشتۇرۇش» ناملىق ھۆججەتنى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىغانلىقىنى، ئەمما ئاشقۇن ئوڭچى مىنىستىرلاردىن ئىتامار بېن گۋىر، بېزالېل سموترىچ، يىتزاك ۋاسسېرلائۇف ۋە ئامىچاي ئېلىياھۇنىڭ ترامپنىڭ پىلانىغا قارشى بېلەت تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hamas says Palestine has 'guarantees from mediators' that Israel ended war on Gaza

بىز غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى پەيشەنبە كۈنى سەھەردە، ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا مىسىرنىڭ قىزىل دېڭىز بويىدىكى شارم ئەل شەيخ شەھىرىدە تۈركىيە، مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىق قىلىشى بىلەن تۆت كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلىندى.

پىلاننىڭ ئىككىنچى باسقۇچىدا، غەززەدە تەركىبىدە ھاماس بولمىغان يېڭى باشقۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇش، پەلەستىنلىكلەر ۋە ئەرەب ھەم ئىسلام دۆلەتلىرى ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن خەۋپسىزلىك قىسىمى تەشكىل قىلىش ۋە ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بۇ پىلاننى قوللايدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ۋە ھاماس ھەر ئىككىلىسى دەسلەپكى باسقۇچنىڭ ماددىلىرىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بۇ باسقۇچ ئۈچ ئاساسىي ماددىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، مەھبۇس ئالماشتۇرۇش، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ بېكىتىلگەن چېگرا لىنىيەلىرىگە چېكىنىشى ۋە بىر نەچچە يىللىق قامالدىن كېيىن غەززەگە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ كىرگۈزۈلىشىگە رۇخسەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھاماس بىرىنچى قېتىملىق تۇتقۇن-مەھبۇس ئالماشتۇرۇشتا 20 ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇننىڭ 2000 غا يېقىن پەلەستىنلىك مەھبۇسقا ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇلارنىڭ ئىچىدە 250 نەپەر پەلەستىنلىك مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار ۋە بۇنىڭدىن باشقا، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۇتۇپ كېتىلگەن، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 1700 مەھبۇس بار. تۇتقۇن-مەھبۇس ئالماشتۇرۇشنىڭ كېلىشىم يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە ئەمەلگە ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

29-سېنتەبىر تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان 20 ماددىلىق پىلان، بارلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا ئالماشتۇرۇش، ئۇرۇش توختىتىش، ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە غەززەنى قايتا قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

پەيشەنبە (9-ئۆكتەبىر) كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋە باشقا مۇزاكىرەچىلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى قوللىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ تۇتقۇنلارنىڭ دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنى (13-14-ئۆكتەبىر) قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە مىسىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ «بىز غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق» دېدى ۋە بۇنىڭ «ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق» نىڭ يولىنى ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھاماسنىڭ باش مۇزاكىرەچىسى خەلىل ئەل ھاييا ھاماسنىڭ ئامېرىكا، ئەرەب ۋاسىتىچىلىرى ۋە تۈركىيەدىن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاخىرلاشقانلىقىغا كاپالەت ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوڭچى مىللىي خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىر پەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ھاماس پۈتۈنلەي يوقىتىلمىسا، ئۇنىڭ پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر نېتانياھۇ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump says 'No' to expulsion of Palestinians from Gaza

ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسى قوشۇن ئاجرىتىدۇ

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 200 كىشىلىك بىر قوشۇننى ئوتتۇرا شەرققە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى «كۆزىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) نىڭ باشلىقى ئادمىرال براد كوپېر «دەسلەپتە  200 كىشىلىك قوشۇن» نىڭ ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار مۇخبىرلارغا، «ئادمىرال براد كوپېرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نازارەت قىلىش، كۆزىتىش، كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، مىسىر، قاتار، تۈركىيە ۋە ئېھتىمال ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ گۇرۇپپىغا كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكالىق ئىككىنچى بىر ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، «ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ غەززەگە كىرىشى پىلان قىلىنمىغان.»

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى