خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆز ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدىغان ھالغا كەلتۈردى
ئىران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆز ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدۇرىدىغان «يېڭى ئۇسۇللار» نى ئىشقا سالماقتا.
ئىران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆز ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدىغان ھالغا كەلتۈردى
ئىران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئۆز ئۆزىگە ھۇجۇم قىلدىغان ھالغا كەلتۈردى / AP

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى بۇ ھەرىكەتنىڭ «سىئونىست دۈشمەن بىلەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىسلامىي ئىرانغا قاراتقان ھېسابلىرى ۋە مۆلچەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا چىققانلىقىنى» كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىران ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى (DMO) دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان سەككىزىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دولقۇنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ كۆپ قەۋەتلىك مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ قايمۇقۇپ ئۆز ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىدىغان ھالغا كېلىشى ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇللارنى قوللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى «ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ۋەيران قىلغۇچ» دەپ تەسۋىرلىگەن بۇ ھۇجۇمدا ئىشلىتىلگەن ئىلغار ئىستىخبارات ۋە ئۈسكۈنە ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئىكاردىن چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، «دۈشمەننىڭ كۆپ قاتلاملىق مۇداپىئە سىستېمىلىرى شۇنداق بىر شەكىلدە قالايمىقانلاشتۇرۇلدىكى، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئۆز ئۆزىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداپىئە تېخنىكىلىرىغا «ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ھەر تەرەپلىمە قوللىشى» غا قارىماي، ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى نىشانىغىچە ئېرىشەلىشىنى كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

ئىران بۇ ھەرىكەتنى قازا قىلغان قوماندانلىرىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش دەپ تەسۋىرلەپ، بۇنىڭ «سىئونىست دۈشمەن بىلەن ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىسلامىي ئىرانغا قاراتقان ھېسابلىرى ۋە مۆلچەرلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى» كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىنقىلابنى مۇھاپىزەت قىلىش ئارمىيەسى «ساختاپەز ھاكىمىيەتنىڭ» ھاياتىي ئەھميەتكە ئىگە مۇھىم نىشانلىرىغا قارشى «تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، نىشانلىق ۋە تېخىمۇ ۋەيران قىلغۇچ» ھەرىكەتلەرنىڭ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى «پۈتۈنلەي يوقىتىلغانغا قەدەر» داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

دۈشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملار نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىاردى.

جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ، يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەسلىھەلىرىنى ھۇجۇم قىلغان، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار ۋە ئمۇتەخەسسىسلەرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى. بۇ تاجاۋۇزچىلىق توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Iran warns Israelis to leave country as it may not be 'inhabitable' in coming days

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز