سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپا رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ تاكتىكىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇچقۇ مۇداپىئە پىلانىنى قوللىدى
ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا توغرىسىدا ئىتتىپاقلىشىشنى ۋەدە قىلدى، ئۆكتەبىردىكى باشلىقلار يىغىنىنى «قارار چىقىرىش كۈنى» دەپ ئاتىدى ۋە ياۋروپا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
ياۋروپا رەھبەرلىرى رۇسىيەنىڭ تاكتىكىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇچقۇ مۇداپىئە پىلانىنى قوللىدى
ياۋروپا رەھبەرلىرى ئۇكرائىنا توغرىسىدا ئىتتىپاقلىشىشنى ۋەدە قىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ياۋروپا ئىتىتىپاقى رەھبەرلىرى كۈچىيىۋاتقان رۇسىيە ھۇجۇملىرىنىڭ قىتئەگە بارغانسېرى تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇكرائىنا بىلەن دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى.

ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئانتونىيو كوستا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىتتىپاقنىڭ 10-ئاينىڭ 23-24-كۈنلىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىنىڭ «قارار چىقىرىش كۈنى» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇخبىرلارغا: «ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، ياۋروپا كومىتېتى 2030-يىلغىچە دۈشمەندىن مۇداپىئەلىنىش تەييارلىقى پىلانىنى سۇنىدۇ ۋە ياۋروپا كېڭىشى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە يەنە بىر قېتىم يىغىن ئاچىدۇ، بۇ قارار چىقىرىش ۋاقتى بولىدۇ» دېدى.

دانىيە باش ۋەزىرى مېتتې فرېدېرىكسېن رۇسىيەنىڭ «ئۇلارغا تەھدىت سالغانلىقىنى، ئۇلارنى سىنىغانلىقىنى ۋە توختاپ قالمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، كىيېۋنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

 «ئالدى بىلەن، بىز چوقۇم ئۇكرائىناغا قىلغان ئىقتىسادىي ياردىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر ھەممە ئادەم نېمىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ... بىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمىز ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ياۋروپا بەرپا قىلىش.»

ياۋروپا كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېننىڭ ئۇرۇشتا كۆپىيىۋاتقان ئۇچقۇ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «ئۇچقۇ سېپىلى» قۇرۇش تەكلىپى، يىغىندا ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولدى.

ئۇ ئەڭ يېقىندا ھاۋا بوشلۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنغان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، جۈملىدىن پولشا، رۇمېنىيە، ئېستونىيە ۋە دانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

دانىيە باش ۋەزىرى مېتتېى فرېدېرىكسېن بۇلارنى «ئارىلاشما ئۇرۇش تاكتىكىسى» دەپ ئاتاپ، ھەر بىر پۇقرا ۋە ھەر بىر پارچە زېمىننىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ياۋروپانىڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇشىنى چاقىرىق قىلدى.

ئۇ ئۇچقۇلارنىڭ ئۇرۇشنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئۇچقۇ تېخنىكىسى ۋە ئۇچقۇغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىگە چېگرا ھالقىغان مەبلەغلەرنىڭ سېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Poland scrambles jets as Russian strikes hit near border with Ukraine


پۈتۈن ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان  ئېنىق ياۋروپا پىلانى كېرەك

فوندېر لېيېن ياۋروپا مۇداپىئەسىگە قارىتىلغان «مەبلەغ» نى ئاشۇرۇشنىڭ خېلىلا بۇرۇن باشلانغانلىقىنى، «بىخەتەرلىك ھەرىكىتى ئۈچۈن ياۋروپا» (SAFE) قورالى دەپ ئاتالغان 150 مىليارد ياۋرو (176 مىليارد دوللار) قىممىتىدىكى پىلاننى مىسال قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ھازىر بىزگە ئىقتىدار يېتەرسىزلىكىنى قانداق تولۇقلايدىغان ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش توغرىسىدا ئېنىق پان-ياۋروپا پىلانى كېرەك.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى چوڭقۇر ئىختىلاپقا دۇچ كەلدى

مەزكۇر سۆزلەر ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققان «دۇنيا سۇمۇد فىلوتى» نى توختاتقان بىر ۋاقىتتا قىلىندى.

فىلوت، ئىسرائىلىيە دېڭىز ئارمىيەسى غەززەدىكى نەچچە يىللىق قامالنى بۇزۇش ئۈچۈن  يولغا چىققان پاراخوتلارنى قورشىشى بىلەن، كۆپىنچە پاراخوتلاردا نەق مەيدان تارقىتىشلىرىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىلوتنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى ئىسرائىلىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ،  ئەترەتنى توسۇشقا ئۇرۇنغان چاغدا تارقىتىشلارنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىنكاس بولغان-بولمىغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورالغاندا، سەھنىدىكى ئۈچ رەھبەر (كوستا، فرېدېرىكسېن ۋە فوندېر لېيېن) جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.

كوستا بىر ئاز جىمجىت تۇرغاندىن كېيىن: «بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، باشقا گېپىم يوق» دېدى ۋە كېڭەش يىغىنى جەريانىدا ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسىدە چوڭقۇر ئىختىلاپقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ كېيىنكى يىغىنلاردا تالاش-تارتىش قوزغايدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia, US coordinate new talks as Ukraine rules out compromise

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان بىلەن مىرزىيايېۋ تۈركىستاندىكى باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا «ھەمكارلىق» سىگنالى بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى