سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى كەشمىردە بىر-بىرىگە ئوق چىقاردى
كەشمىردە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن پاكىستان - ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى.
پاكىستان ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى كەشمىردە بىر-بىرىگە ئوق چىقاردى
Border Security Force (BSF) security personnel stand guard at the Attari-Wagah border crossing on the India-Pakistan border. / Reuters

كۆپ سانلىقنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان ھىندىستاننىڭ  باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە قوراللىق كىشىلەرنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى پۇقرالارغا قارشى ئېلىپ بارغان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمىدىن كېيىن، يېڭى دېھلىنىڭ پاكىستاننى «چېگرا ھالقىغان تېررورلۇق» نى قوللىدى دەپ ئەيىبلىشى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كەسكىنلىشىپ كەتتى.

ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، كەشمىردە يۈز بەرگەن ۋە پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان شىددەتلىك توقۇنۇشتىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوشنا رەقىب دۆلەتلەرنى ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇشقا چاقىرغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چاقىرىقىدىن كېيىن، پاكىستان ۋە ھىندىستان قىسىملىرى كەشمىردىكى تالاش-تارتىشلىق كونترول سىزىقىنى بويلاپ تۈن بويى بىر-بىرىگە ئوق چىقارغان.

پاكىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بولغان سەييىد ئەشفاق گىلانى جۈمە كۈنى AFP ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، پاكىستان ۋە ھىندىستان قىسىملىرىنىڭ  تالاش-تارتىشلىق كونترول سىزىقىنى بويلاپ تۈن بويى بىر-بىرىگە ئوق چىقارغانلىقىنى، ئەمما پۇقرالارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

 

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى «توقۇنۇش پاكىستان تەرەپتىن باشلانغان» دەپ قارايدىغان بولۇپ، ھىندىستان ئەسكەرلىرى يېنىك تىپتىكى قورال – ياراغلار  بىلەن پاكىستان ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغان، پاكىستان ئەسكەرلىرىمۇ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرغان.

پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىچ نيۇ يوركتا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ «مەنىلىك ۋە ئۆزئارا ۋەدىلەر ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكى»  نى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەتلىرىنى  ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇشقا ۋە ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەسلىككە چاقىرىۋاتىمىز.»

 

ئىسلامئاباد ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى قەتئىي رەت قىلدى

 

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ھىندىستان ساقچىلىرى قاچقۇن ئۈچ ھۇجۇمچىدىن ئىككىسىنىڭ پاكىستانلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، داڭلىق ساياھەت رايونى پاخالگامدا 26 پۇقرانى ئۆلتۈرگەن قوراللىق ھۇجۇمچىلارنى تۇتۇش توغرۇلۇق ۋەدە بەردى.

مودى سەيشەنبە كۈنى ھىمالايا رايونىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدىن كېيىن بەرگەن تۇنجى باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«پۈتكۈل جاھانغا شۇنداق نىدا قىلىمەنكى، ھىندىستان ھەربىر تېررورچىنى ۋە ئۇنى قوللىغۇچىلارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، قولغا چۈشۈرۈپ تېگىشلىك جازاغا تارتىدۇ.»

ھۇجۇم بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى قەتئىي رەت قىلغان ئىسلامئاباد، پاكىستاننى پاخالگام ھۇجۇمى بىلەن چېتىشلىقى باردەك كۆرسىتىش ئورۇنۇشىنى  بىمەنىلىك دەپ ئاتىدى ۋە ھىندىستاننىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەرىكىتىگە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىفنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن بىرلىكتە چاقىرغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«پاكىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە يۈزلەنگەن ھەرقانداق شەكىلدىكى تەھدىتكە ھەر جەھەتتىن تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ.»

نوپۇسىنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان كەشمىر، ھىندىستان بىلەن پاكىستان 1947-يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بۆلۈنۈپ كەتكەن؛ ھەر ئىككى دۆلەت ئەڭ يۈكسەك ئېگىزلىكتىكى بۇ رايوننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە  تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمۈكتە،  لېكىن ھەر ئىككىسى كەشمىرنىڭ پەقەت  بۆلۈنۈپ كەتكەن قىسمىنىلا كونتىرول قىلماقتا. قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلار 1989-يىلدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە مۇستەقىللىق ياكى پاكىستان بىلەن بىرلىشىشنى تەلەپ قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ كەلمەكتە.

يېقىنقى ھەپتىلەردە مودى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىتابلىرى ۋە مەكتەپلىرىگە قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى رايون خەلقىنىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىدى.

 ھىندىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پاخالگام ھۇجۇمچىلىرىنى تۇتۇش ئۈچۈن كەشمىردە كەڭ كۆلەمدە ئاختۇرۇش - تۇتۇش ھەرىكىتىنى باشلىدى، قوراللىق ھۇجۇمدىن بۇيان ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە 1500 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇپ كېتىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىدان: «ئوتتۇرا كارىدور» ئۈچ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى»
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى ئىبراھىم كالىن غەززە دىپلوماتىيەسى ئۈچۈن قاھىرەگە يېتىپ باردى
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى ئۈچۈن قاھىرەدە سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا
2025-يىلى يادرو قوراللىرى خىراجىتى رېكورت خاراكتېرلىك ئېشىپ 118.8 مىليارد دوللارغا يەتتى
خىتاي ۋە شىمالىي كورېيە مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش قارارىغا كەلدى
«ئىستانبۇل باياننامىسى» دە ھەمكارلىق سىگنالى بېرىلدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا تۆت كىشى ئۆلدى
ئامېرىكانىڭ بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانى ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدا چۈشۈپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى رودرىگۇئېز بىلەن كۆرۈشتى
تۇساش باش مۇدىرى دەمىرئوغلۇ: تۈركىيە ھەربىي ئايروپىلان تۈرلىرىدە ياۋروپانىڭ ئالدىدا
فىدان: تۈركىيە بىلەن ھىندىستان ئىختىلاپلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشى كېرەك
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى
ترامپ ئىرانغا "كىلىشىم" چاقىرىقى قىلدى، نېتانياھۇغا "قايتۇرما زەربە بەرمەسلىك" بۇيرۇقى چۈشۈردى
فىلىپپىننىڭ مىنداناۋ رايونىدا 7.8 باللىق يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلدى
قىزىل دېڭىزدا جىددىيچىلىك ئۆرلىمەكتە. خۇسىيلار ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرىغا تەھدىت سالدى