خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى «مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چوي سەنخۈي دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىشى توغرىسىدىكى چاقىرىقلارنى رەت قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى مەڭگۈ قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
شىمالىي كورېيە يادرو قوراللىرىنى «مەڭگۈ ساقلايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى
(ئارخىپ) شىمالىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چوي سون خۇي ئۆز دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرىنى «بارلىق دەۋرلەر بويىچە مەڭگۈ قوغدايدىغانلىقىنى» ئېيتتى.

شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاگېنتلىقى (KCNA) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چوي سەنخۈي ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى تەنقىد قىلغان. بولۇپمۇ ئۇ مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ شىمالىي كورېيەنى يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي خالىي قىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىقلىرىنى كەسكىن رەت قىلغان.

چوي سەنخۈي بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى كۈچلۈك تەكىتلەيمەنكى، دۆلىتىمىز ھەر قانداق ئەھۋالدا ئارقىغا يانمايدىغان ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان يادرو قوراللىرىنى بارلىق دەۋرلەردە قوغداش توغرىسىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرىدۇ.»

ئۇ يەنە بەزى دۆلەتلەر ئۈچۈن «توقۇنۇش بىلەن سۆھبەتنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى» مۇمكىن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ شىمالىي كورېيە ئۈچۈن قەتئىي مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىپادىلىگەن. يېقىندا نيۇ-يوركتا ئۇچراشقان ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شىمالىي كورېيەنى «يادرو قوراللىرىدىن پۈتۈنلەي خالىي قىلىش»قا يۈزلەنگەن ۋەدىلىرىنى تەكرارلىغان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى 22-سېنتەبىر كۈنى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن 240 مىللىمېتىرلىق كۆپ سىتىۋوللۇق راكېتامىيوت سىستېمىسى ئۈچۈن ئوق-دورا سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە، «يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئاپتوماتىك يېتەكلەش سىستېمىسى» سەپلەنگەن مەزكۇر راكېتالار ئوربىتىلىق ئۇچۇش ھالىتىدە 100 كىلومېتىر، بىرىكمە سىيرىلىش ھالىتىدە بولسا، 115 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا زەربە بېرەلەيدىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئۆمەربولات: تۈركىيە - ياۋروپا ئتتىپاقى سودىسى 30 يىلدا 11 ھەسسە ئاشتى
خاقان فىدان ئاسىيادا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تۇرغۇزۇش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
ئىسپانىيەنىڭ مىللىي رېئاكتىپ Hürjet ئايروپىلانىمىزغا بولغان قىزىقىشى زور
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېنىدا» دېدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
ئىسرائىلىيەلىكلەر غەربىي قىرغاقتا بىر مەسچىتنى ۋە بىر ئاپتوموبىلنى كۆيدۈرۈۋەتتى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
ترامپ: «ئىرانغا كۈنىنى كۆرسىتىپ قويىمىز»
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ھىندىستاننىڭ بىھار ئىشتاتىدا بالىلار ئولتۇرغان بىر پاراخوت ئۆرۈلۈپ كەتتى
ترامپ: تەيۋەن ئالياسكا تۈرىدىكى تەبىئىي گازنىڭ %30 ىنى 20 يىل بويىچە سېتىۋالىدۇ