ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر جامەگە ئوت قويۇۋاتقان كۆرۈنۈشلىرىنى سىنغا ئېلىپ، ھەقىقەتنى دۇنياغا ئاشكارىلىماقچى بولغان TRT خەۋەر تېلېۋىزىيەسى ئەترىتى توسالغۇغا ئۇچرىدى.
قولىدا قورال تۇتقان ئىسرائىلىيە كۈچلىرى تېلېۋىزىيەنىڭ نەق مەيدان پىروگراممىسىغا دەخلى يەتكۈزدى. رايوننى ئۈچ ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن قورشاۋغا ئالغان ئاشقۇن ئىسرائىلىيەلىكلەر، TRT خەۋەر تېلېۋىزىيەسى مۇخبىرى بىلەن فوتو سۈرەت مۇخبىرىنى رايوندىن قوغلاپ چىقاردى.
بۇ ۋەقە ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ مۇخبىرلارغا قاراتقان بېسىمى ۋە تۈرلۈك توسالغۇلىرى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلانغان بولدى.


























