ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ۋە نېتانياھۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئاقسارايدا كۆرۈشتى
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ ترامپنىڭ «مىسلىسىز ھەمكارلىقى» نى ماختىدى. بىر ئامېرىكا ۋەكىلى ھاماس بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە پەقەت بىرلا توسالغۇنىڭ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ ۋە نېتانياھۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئاقسارايدا كۆرۈشتى
ترامپ ۋە نېتانياھۇ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرى جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە، ئاقسارايدا كۆرۈشتى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى كۈچەيگەن بىر پەيتتە، ئىككى كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

ئىككى رەھبەر سەيشەنبە كۈنى ئوۋال ئىشخانىسىدا بىر يەرگە جەم بولدى. ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشى بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. نېتانياھۇنىڭ دۈشەنبە كۈنى بېرىلگەن ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن داۋاملاشقان كەچلىك تاماق زىياپىتىدىن كېيىن ترامپ بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ ئۇچرىشىشى، ترامپ يانۋار ئېيىدا ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكاغا قىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ ئۇچرىشىشلار، ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوفنىڭ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر سانىنىڭ تۆتتىن بىرگە چۈشكەنلىكىنى ۋە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشتىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى.

ۋىتكوف ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى:

«بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىزنى 60 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشتۈرىدىغان بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمىزدىن ئۈمىدۋارمىز، 10 تۇتقۇن قويۇپ بېرىلىدۇ، 9 جەسەت تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Netanyahu backs expulsion of Palestinians as Trump shrugs off two-state solution

نېتانياھۇنىڭ سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىشىدىن ئىلگىرى، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋاسىتىلىك سۆھبەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان قاتاردىن كەلگەن بىر ھەيئەت، ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشتى. Axios نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقساراي بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.

نېتانياھۇ كاپىتول ھىل (پالاتا بىناسى) دا پالاتا ئەزالىرىغا قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى، ئەمما مۇزاكىرىچىلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن «ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«غەززەدىكى ئىشىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك... بارلىق تۇتقۇنلىرىمىزنى قويۇپ بېرىپ، ھاماسنىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت ئىقتىدارىنى يوق قىلىشىمىز كېرەك.»

نېتانياھۇنىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ۋانس، ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايك جونسون بىلەن كۆرۈشۈپ، چارشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن پارلامېنت بىناسىغا يەنە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى