ھاۋەلسان ئەزەربەيجانغا مۇھىم قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىسىلىرىنىڭ بىرىنى ئېكسپورت قىلدى
ھاۋەلسان (HAVELSAN)نىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول ساھەسىدىكى مۇھىم يۇمشاق دېتال لايىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچۇر سىستېمىسى» (HvBS) دائىرىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان مۇھىم ئىقتىدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
ھاۋەلسان ئەزەربەيجانغا مۇھىم قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىسىلىرىنىڭ بىرىنى ئېكسپورت قىلدى
مىللىي يۇمشاق دېتال ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسىگە كۈچ قوشىدۇ (AA)

ھاۋەلسان (HAVELSAN)نىڭ قوماندانلىق ۋە كونترول ساھەسىدىكى مۇھىم يۇمشاق دېتال لايىھەلىرىنىڭ بىرى بولغان «ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچۇر سىستېمىسى» (HvBS) دائىرىسىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان مۇھىم ئىقتىدارلارنىڭ بىر قىسمى ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىنىڭ جەڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تەييارلانغان مەزكۇر سىستېما (HvBS)؛ ھاۋا ھەرىكىتىنى پىلانلاش، ئىجرا قىلىش، كۆزىتىش ۋە باھالاش جەريانلىرىنى رەقەملىك سۇپىدا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرالايدىغان ئىلغار قوماندانلىق ۋە كونترول ئاساسىي قۇرۇلمىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى قوماندانلىقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بۇ سىستېما؛ ھەرىكەت مەركەزلىرىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خادىملارنىڭ ئورتاق جەڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا، ۋەزىپە شۇنداقلا ھەرىكەت ئۇچۇرلىرىنىڭ دەل ۋاقتىدا باشقۇرۇلۇشىغا، ھالقىلىق جەڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مەركەزلىك كۆزىتىلىشىگە ۋە قارار چىقىرىش جەريانىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پىلانلاش، ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانلىرىدىكى تېزلىك، توغرىلىق ۋە ئۈنۈمدارلىق كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

جەڭ تەييارلىقى ۋاقتىنى مىنۇتلارغا قىسقارتىدۇ

بارلىق تەركىبلەرنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ ئەتراپلىق ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچۇر سىستېمىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان HvBS؛ جەڭ تەييارلىقى جەريانلىرىنى مىنۇتلارغا قىسقارتىپ، ھاۋا ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم بىر ھەرىكەتچانلىق ئىقتىدارىنى يارىتىپ بېرىدۇ.

مەزكۇر سىستېما تەركىبىدىكى مودۇللار ئوخشىمىغان قوماندانلىق قاتلاملىرى ئارىسىدا ئۇچۇرلاردىن بىخەتەر ھالدا تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى قوللاش بىلەن بىرگە، ھاۋا ھەرىكىتىگە ئائىت ھالقىلىق ئۇچۇرلارنىڭ ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىشىگە ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشچان ۋەزىيەتلەرگە قاراپ باشقۇرۇلۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىدۇ. سىستېمىنىڭ ئوچۇق ۋە مودۇللۇق قۇرۇلمىسى نۆۋەتتىكى قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش ئاساسىي قۇرۇلمىلىرى بىلەن ماسلىشىپ ئىشلىيەلەيدىغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كېڭەيتىشكە بولىدىغان ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

يەرلىك ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلدى

بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى؛ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنىڭ يۇمشاق دېتال شۇنداقلا قوماندانلىق ۋە كونترول قىلىش تېخنىكىسى ساھەسىدە يەتكەن يۈكسەك سەۋىيەسىنى كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتىن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈرك ئىنژېنېرلىرىنىڭ كۈچى ۋە مىللىي ئىمكانىيەتلەرگە تايىنىپ بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بۇ ھەرىكەت باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى (HvBS) نىڭ خەلقئارالىق خېرىدارلار تەرىپىدىن تاللىنىشى؛ پەقەتلا بىر يۇمشاق دېتال ئېكسپورتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى تۈركىيەنىڭ قوماندانلىق-كونترول سىستېمىلىرى، ۋەزىپە باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرى ۋە مۇداپىئە ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئىلغار ئىقتىدارىنىڭ خەلقئارا مىقياستا ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋ ئەتراپىدا بىر بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى