كولومبىيەدە مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھادىسىسىدە 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيەدە مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھادىسىسىدە 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدىكولومبىيەدە مەكتەپ ئاپتوبۇسىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشى نەتىجىسىدە 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 ئادەم يارىلاندى.
كولومبىيەدە مەكتەپ ئاپتوبۇسى ھادىسىسىدە 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى / Reuters

ئانتىيوكېنو تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس مەكتەپ ساياھىتىدىن كېيىن كارىب دېڭىزى بويىدىكى تولۇ يېزىسىدىن مېدەللىنغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.

ۋالىينىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، كولومبىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بىر يېزىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان بىر ئاپتوبۇسنىڭ ھاڭغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 17 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 ئادەم يارىلانغان.

ئانتىيوكىيا ۋالىيسى ئاندرېس جۇلىيان يەكشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئانتىيوكېنو تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنىڭ مەكتەپ ساياھىتىدىن كېيىن كارىب دېڭىزى بويىدىكى تولۇ يېزىسىدىن مېدەللىنغا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساھىلدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش پائالىيىتىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ، دېكابر ئېيىدا پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن ئېيىتقاندا ناھايىتى ئېچىنىشلىق بىر خەۋەر» دېدى.

رېندوننىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇغا يوللىغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، ھايات قالغانلاردىن بىرىنىڭ: «مەن ئۇخلاۋاتاتتىم، تۇيۇقسىز ۋارقىرىغان ئاۋازلارنى ئاڭلىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن نېمە بولغانلىقىنى ھېچ ئەسلىيەلمەيمەن» دېگەن سۆزلىرى ئورۇن ئالدى.

ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ھايات قالغانلارنى خەتەرلىك ھاڭدىن زەمبىللەر بىلەن چىقىرىشقا مەجبۇر بولدى.

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھادىسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە تەزىيە بىلدۈرۈپ: «ياشلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى ياقتۇرمايمەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ دەرس ئوقۇۋاتقاندا ياكى خۇشال - خۇرام دەم ئېلىۋاتقاندا ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كۆرۈشنى ھەرگىزمۇ خالىمايمەن» دېدى.

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ