خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى ھەربىي يۈكلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق
(ئارخىپ) رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئېلىپ بارماقتا

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ غەربىي رايونلىرىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ھەربىي يۈكلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى جاكارلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئودېسسا شەھىرى ۋە ئودېسسا رايونىدا ھەربىي يۈكلەرنى ساقلاش ۋە تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرى بىلەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا ئودېسسا پورتىدا ھەربىي يۈك توشۇۋاتقان بىر پاراخوت ۋە پورتلارنىڭ ئىشلىشىنى تەمىنلەيدىغان تىرانسفورموتور پونكىتلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. باياناتتا: «ئۇكرائىنانىڭ غەربىي رايونلىرىدا، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ھەربىي يۈكلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋاملاشتۇرۇلدى» دېيىلدى.

مىنىستىرلىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇملار ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى