ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان: ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا كېلىشىمى تاماملانغىلى «ئاز قالدى»
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن: «بۇ ئىشقا ئايلار، ھەتتا ھەپتىلەر ئەمەس، بەلكى كۈنلەرلا قالدى» دېدى.
پاكىستان: ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا كېلىشىمى تاماملانغىلى «ئاز قالدى»
/ AP

پاكىستانلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلومات، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىنى تاماملاشقا «ئىنتايىن يېقىن» ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە يۈكسەك ئىشەنچ باغلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

پاكىستاننىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار جۈمە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى ئاتلانتىك كېڭىشىدە سۆز قىلىپ: «ئىشىنىمەنكى، بىز ئامېرىكا بىلەن بولغان كېلىشىمنى تاماملاشقا ئاز قالدۇق» دېدى.

«خىزمەت گۇرۇپپىلىرىمىز ۋاشىنگتوندا ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ... باش مىنىستىر تەپسىلاتلارنى پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە بىر كومىتېت تەيىنلىدى. بۇ جەريانغا ئايلار، ھەتتا ھەپتىلەر ئەمەس، بەلكى كۈنلەرلا كېتىدۇ.»

دارنىڭ بۇ سۆزلىرى، ئۇنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن كۆرۈشۈپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئېلان قىلىندى. ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ سودىسىنى جانلاندۇرۇش، ھالقىلىق مىنېراللار ۋە كانچىلىق ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.

دار كېلىشىمنىڭ سودا ۋە مىنېرال ماددىلار ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكالىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى پاكىستاننىڭ، بولۇپمۇ كانچىلىق ۋە دېڭىز-ئوكيان تەبىئىي گازى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەڭ بايلىقلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا چاقىردى.

دار يەنە ئامېرىكا ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى ۋە دۇنيا بانكىسىغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنى قوللاشقا ھازىر ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتتى.

دار: «بۇ ساھەدە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ مەۋجۇت» دەپ، پاكىستاننىڭ تەبىئىي بايلىق قىممىتىنىڭ 6 تىرىليوندىن 8 تىرىليونغىچە ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ئايدا پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال ئاسىم مۇنىرنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالدى. بۇ، ترامپنىڭ بۇ يىل ماي ئېيىدا يادرو قورالىغا ئىگە ئىككى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى توختاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن بولغان ئىختىلاپنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش خەۋپىنى تۇغدۇرغان، مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئۇچرىشىش بولدى.

چۈشلۈك غىزا ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىش، تارىختا بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك پۇقراۋى ئەمەلدارلار ھەمراھ بولماستىن، پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىنى ئاق سارايدا كۈتۈۋالغان تۇنجى قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.

ترامپ پاكىستان باش ئىشتاب باشلىقىنى «ئاجايىپ تەسىرلىك شەخس» دەپ تەرىپلەپ، ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بەردى.

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى