خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززە، لىۋان، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائىل كاتز ئىسرائىلىيەنىڭ جەبەل شەيختىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھىزبۇللاھ، ھاماس ۋە ھۇسىيلارغا قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە غەززە، لىۋان، سۈرىيە ۋە يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى
كاتزنىڭ دېيىشىچە، ئىسرائىلىيە كۆپ رايونلۇق جەڭ سېپىدىكى ھەرىكەتلىرىنى توختاتمايدۇ. / AP

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى يىسرائىل كاتز رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش (يۇمشىتىش) مەقسىتىدىكى رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان، سۈرىيە، غەززە ۋە يەمەندىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ مەيدانىدىن ھەرگىز چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «مائارىۋ» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كاتز ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىدا سۆز قىلىپ: «ئىسرائىلىيە لىۋان، سۈرىيە، غەززە ۋە يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەن.

مەزكۇر پائالىيەتكە بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە باش ئىشتاب باشلىقى ئېيال زامىرمۇ قاتناشقان.

كاتز سۆزىدە: «لىۋاندا ھىزبۇللاھقا قارشى ئەڭ زور كۈچ بىلەن زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز؛ ئىسرائىلىيە سۈرىيەدىكى جەبەل شەيخ (ھەرمون تېغى) ۋە بىخەتەرلىك رايونىدىن چېكىنمەيدۇ؛ غەززەدە بولسا، ئىسرائىلىيە ھاماسنى يوقىتىش ۋە رايوننى قورالسىزلاندۇرۇشنى قەتئىي قارار قىلدى» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەمەن مەسىلىسى ھەققىدە توختالغاندا: «ھۇسىي كۈچلىرىنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەربىي ھەرىكەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

تېھران بىلەن بولغان سۈركىلىش ئۈستىدىمۇ توختالغان كاتز، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ يادرو ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىغا «ئېغىر زىيان» سالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

كاتز يەنە: «ئامېرىكالىق شېرىكلىرىمىز بىلەن ماسلاشقان ھالدا ئىرانغا كۈچلۈك زەربە بەرگەنلىكىمىزگە ئائىت دوكلاتلارنى كۆزىتىۋاتىمەن، بىخەتەرلىك ئورگانلىرىمىزمۇ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە. تەبىئىيكى، بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ تەپسىلات بېرەلمەيمەن» دېگەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىگە ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: «ئامېرىكا ھورمۇز بوغۇزىنىڭ نامىنى ترامپ بوغۇزىغا ئۆزگەرتىشى كېرەك» دېدى
دەمەشىق نېتانياھۇنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى سۈرىيە زېمىنىغا «قانۇنسىز كىرگەنلىكى»نى ئەيىبلىدى
فىلىپپىننىڭ پالاۋان دېڭىز ساھىللىرىدا پاراخوتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 5 كىشى ئۆلدى
خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسىدىكى تاغ گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 61 گە يەتتى
نېپال – خىتاي چېگرا رايونىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 1410 غا يەتتى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
رۇسىيە ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى؛ كىيېۋدا كەم دېگەندە ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 10 كىشى يارىلاندى
رۇسىيە: «گېرمانىيە بوندىكى باش كونسۇلخانىمىزنى ئاساسسىز باھانە بىلەن تاقىۋەتتى»
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلگەن ئۇرۇش جىنايەتچىسى ملادىچنىڭ «ئۇلۇغلىنىشى» نى قاتتىق تەنقىد قىلدى