تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە تەزىيە بىلدۈردى.
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە  قارىتا بايانات ئېلان قىلدى
ئەردوغان تۈركىيەنىڭ F-16 ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىگە قارىتا بايانات ئېلان قىلدى / AA

چارشەنبە كۈنى بالىكئەسىردە چۈشۈپ كەتكەن ئۇرۇش ئايروپىلانىدا بىر ئۇچقۇچى شاھىت بولدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، بالىكئەسىردە تۈركىيەنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بىر F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۇچقۇچىنىڭ شاھىت بولغانلىقىنى ۋە ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە بىر پائالىيەتتە سۆز قىلغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بۇ يوقۇتۇشتىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسى مىڭبېشى ئىبراھىم بولات ئۈچۈن دۇئا قىلدى. ئۇچقۇچىنىڭ ئائىلىسىگە، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە ۋە تۈركىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش شارائىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەتراپلىق تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئېيتقان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن بارلىق زۆرۈر بولغان تەرتىپلەرنىڭ بېجىرىلىۋاتقانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئايروپىلان بىلەن بولغان سىمسىز ئالاقە ۋە ئىز قوغلاش ئۇچۇرلىرى ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان سەيشەنبە كۈنى يەرلىك ۋاقىت سائەت 00:56 تە بالىكئەسىردىكى 9-ئاساسىي رېئاكتىپ ئايروپىلان بازىسى قوماندانلىق ئىشتىبىدىن قوزغالغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkish F-16 crash in Balikesir: Pilot Major Ibrahim Bolat martyred
ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا