خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى

ئىتالىيەنىڭ مىلانو شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردا كۆرۈلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن شەھەر مەركىزى تۈنۈگۈنمۇ زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە سەھنە بولدى.

مەملىكەتنىڭ شىمالىدىكى پۇل-مۇئامىلە، سانائەت ۋە مودا شەھىرى سۈپىتىدە بىلىنىدىغان مىلانو شەھىرىدە ھەپتە ئاخىرى بويىچە كۈچلۈك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى.

بەزى ياشلارنىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن دۇئومو مەيدانى ۋە ئەتراپىدا 10 ۋە 20 كىشىلىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە يىغىلىشىغا ئەگىشىپ خەۋپسىزلىك كۈچلىرى مەيداندا قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئالدى.

دۇئومو مەيدانىغا تۇتىشىدىغان ۋىيا تورىنو كوچىسىغا ئوخشاش ئەتراپتىكى كوچىلارغا تارقالغان يۈزلىرى يېپىق قارا كىيىملىك نامايىشچىلار كۆپلىگەن داڭلىق ماگازىنلارنىڭ ۋە تاللا بازارلىرىنىڭ ئەينەكلىرىگە زىيان يەتكۈزدى، بەزى نامايىشچىلارنىڭ بۇ يەرلەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقى كۆرۈلدى.

شەھەرنىڭ كائىرولى ۋە موسكوۋاغا ئوخشاش مەھەللىلىرىدىمۇ كۆپ ساندا ماگازىن ۋە دۇكاندا چوڭ كۆلەمدە زىيان كۆرۈلدى.

ۋەقەلەر جەريانىدا بەزى نامايىشچىلار ئاشخانىلارنىڭ ئۈستەللىرىنى ۋە ئەخلەت ساندۇقلىرىنى كوچىلارغا توساق قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتسە، بەزىلىرى ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا تاش، ئاۋاز بومبىسى، پوجاڭزا ۋە ئوت ئۆچۈرگۈچ ئاتتى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭمۇ نامايىشچىلارغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ ۋە ياش ئاققۇزۇش گازى چېچىپ، پات-پات كالتەك بىلەن مۇداخىلە قىلىپ قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكى كۆرۈلدى.

شەھەرنى ساياھەت قىلىشقا كەلگەن بەزى ساياھەتچىلەرمۇ نامايىشچىلارنىڭ نىشانى بولمىغان دۇكانلارغا پاناھلىنىشقا تىرىشتى.

ئىتالىيە ANSA ئاگېنتلىقىنىڭ مىلانو خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدىكى مەنبەلەرگە تايىنىپ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، پەقەت تۈنۈگۈنكى ۋەقەلەردىلا 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.

خەۋەردە، بۇلارنىڭ 80 پىرسەنتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ياشلاردىن تەشكىل تاپقانلىقى بىلدۈردى.

بۇ قەرياندا  باش مىنىستىر گىيورگىيا مېلونىنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئاساسەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنى بۈگۈن يىغىنغا چاقىرغانلىقى مەتبۇئاتلاردا ئەكس ئەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئاتاتۈركنىڭ «نۇتۇق» ناملىق ئەسىرىنىڭ 8 تىلدا ئالاھىدە نەشرى تەييارلاندى
بېلگىيەدىكى نامايىشلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانى 195 كە ئۆرلىدى
مىلانو شەھىرىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە 160 كىشى تۇتقۇن قىلىندى
تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى كەركۈكتە ئېھتىياجلىق يېتىملەرگە كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش ئۈسكىنىلىرى ياردىمى قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا يەنە 5 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇبىيو سەمەرقەنتتە ئۆزبېكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەئىدوۋ بىلەن كۆرۈشتى
پاكىستان ئارمىيەسى: بەلۇجىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 4 قوراللىق ئۇنسۇر بىر تەرەپ قىلىندى
تايلاندتىكى كەلكۈن ئاپىتىدە بىر ئايدا 80 كىشى قازا قىلدى
پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارالىق قوغداش تەلەپ قىلدى
تۈركىيە كانادادىكى ھەربىي بازىدا يۈز بەرگەن پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كانادا خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى
پۇتىن ترامپ ۋە شى جىنپىڭ بىلەن ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى
پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ھۇسىيلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىشكە چاقىردى
ترامپ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى دىزېل يېقىلغۇسىنى ئايرىش زاۋۇتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى تەنقىد قىلدى
ئاراقچى: نېتانياھۇ تۈرمىگە كىرمەسلىك ئۈچۈن ئامېرىكانى ئۇرۇشقا سۆرەۋاتىدۇ
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا كېچىچە ئۆزئارا قايتۇرما ھۇجۇلارنى قىلدى