دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پائال ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى  قارادېڭىز سامالىرىدا بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىن، تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىنىڭ 24 سائەت كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

By
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پائال ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى / AA

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قارادېڭىز  سامالىرىدا بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىدىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ پائال ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ناھايىتى كىچىك پارچىلارغا ئايرىلىپ كەتكەنلىكى ۋە كەڭ دائىرىگە تارقىلىپ كەتكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئەھۋال، قالدۇقلارنىڭ يەردە پۈتۈن ھالەتتە ياكى قۇرۇلما جەھەتتىن پۈتۈنلۈك كۆرسىتىدىغان شەكىلدە بايقىلىشىنى قىيىنلاشتۇرماقتا.

تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقى رادار، ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئېلېكترونلۇق جەڭ ۋە تەھدىتكە دەل ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇش ئۇنسۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قاتلاملىق ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بىر سىستېما ئارقىلىق 24 سائەت كونترول قىلىنماقتا.»

مىنىستىرلىق ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن قارادېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى تېخىمۇ دىققەت بىلەن ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارادېڭىز  سامالىرىدا تۈركىيە ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلىشىۋاتقاندا كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مىنىستىرلىق تۈركىيەنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى NSosyal دا ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارادېڭىز  تەرەپتىن تۈركىيەنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا يېقىنلاشقان بىر ھاۋا ئىزىنىڭ بايقالغانلىقىنى ۋە مەزكۇر نىشاننىڭ ئادەتتىكى تەرتىپلەر دائىرىسىدە تەقىب ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مىنىستىرلىقنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:

«ھاۋا بوشلۇقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، ناتو ۋە مىللىي كونتروللۇقتىكى ‹F-16› تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىمىزنىڭ جىددىي ئەھۋالغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

مەزكۇر ھاۋا ئىزىنىڭ كونترولدىن چىقىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ؛ ھەرقانداق بىر كۆڭۈلسىز ئەھۋالغا يول قويماسلىق ئۈچۈن، ئاھالىلەر ئولتۇراقلاشقان رايون سىرتىدىكى بىخەتەر بىر جايدا ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.»