سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي كورېيە: ئامېرىكانىڭ «ئالتۇن گۈمبەز» پىلانى يادرو توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
پىيوڭياڭ ۋاشىنگتوننىڭ 175 مىليارد دوللارلىق «ئالتۇن گۈمبەز» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە سىستېمىسى پىلانىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇنىڭ ئالەم بوشلۇقىنى ئاساس قىلغان يادرو توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
شىمالىي كورېيە: ئامېرىكانىڭ «ئالتۇن گۈمبەز» پىلانى يادرو توقۇنۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
/ Reuters

شىمالىي كورېيە خەۋەر ئاگېنتلىقى — KCNA  نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ «ئالتۇن گۈمبەز» باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئە سىستېمىسى پىلانىنى «ئىنتايىن خەتەرلىك تەھدىت پەيدا قىلىش ئۇرۇنۇشى» دەپ تەنقىد قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئالتۇن گۈمبەز» سىستېمىسى ئۈچۈن بىر لايىھە تاللىغانلىقىنى ۋە بىر كىشىنى 175 مىليارد دوللارلىق بۇ ئۇلۇغۋار پىلانغا نازارەتچىلىك قىلىدىغان رەھبەر قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئامېرىكا تەتقىقات ئورنى سەيشەنبە كۈنى بۇ پىلاننى تەسۋىرلەپ: «‹ئالتۇن گۈمبەز› پىلانى ‹ئالدى بىلەن ئامېرىكا› ئىدىيەسىنىڭ تىپىك مەھسۇلىدۇر. بۇ ئۆز مەپتۇنلۇق، تەكەببۇرلۇق، زورلۇق ۋە ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسى ھەمدە بىر يادرو ئۇرۇشى پىلانىدۇر» دېدى.

«ئالتۇن گۈمبەز» پىلانى ئىلغار سېنزورلار (سەزگۈلەر) ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ھاۋادىلا تۇتۇپ يوقىتىدىغان تورىغۇچىلار سەپلەنگەن يۈزلىگەن سۈنئىي ھەمراھنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يەرشارىۋى تور ئىشلىتىش سىستېمىسى بولۇپ، بۇ سىستېما خىتاي، ئىران، شىمالىي كورېيە ياكى رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئېتىلغان دۈشمەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئېتىلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي بايقاپ، يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە بۇ پىلانغا قەتئىي قارشى چىقىپ، «قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى» بىلدۈرگەن ۋە ۋاشىنگتوننى بۇ سىستېمىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى توختىتىشقا چاقىرغانىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى