خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
فرانسىيەدە كېڭەش پالاتاسى كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىدىغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى لايىھەسىنى رەت قىلدى.
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى
فرانسىيە كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشنى رەت قىلدى

بۇ لايىھە كورسىكانىڭ فرانسىيە قانۇنلىرىنى ۋە تۈزۈملىرىنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ماسلاشتۇرۇش ۋە قانۇن چىقىرىش ئىمكانىيىتىنى بېرەتتى.

فرانسىيەدە پارلامېنتنىڭ ئۈستۈنكى پالاتاسى بولغان كېڭەش پالاتاسى، كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشكە ئالاقىدار ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى لايىھەسىنى رەت قىلدى.

ئوڭچىللار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان فرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدىكى كورسىكا يىغىنىدا، كورسىكا ئارىلىغا «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى. بېلەت تاشلاشتا 134 «قوللاش» قا قارشى، 181 «رەت قىلىش» بېلىتى تاشلاندى.

كورسىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى پاۋۇل تۇسەيىنت ئارالغا ئاپتونومىيە سالاھىيىتى بېرىش توغرىسىدىكى لايىھەنىڭ پارلامېنتنىڭ ئۈستۈنكى پالاتاسىدا رەت قىلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كېلىشىش مۇساپىسىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى لايىھەسى دائىرىسىدە كورسىكا ئارىلىغا فرانسىيە دۆلىتى تەركىبىدە بېرىلىدىغان «ئاپتونومىيە سالاھىيىتى» نىڭ فرانسىيە ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى نىشان قىلىنغان ئىدى. بۇ لايىھە كورسىكاغا فرانسىيە قانۇنلىرىنى ۋە تۈزۈملىرىنى ئۆزىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن تەڭشەش ۋە قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بېرەتتى. فرانسىيە ئارالغا ئالاقىدار دۆلەت مۇداپىئەسى، ئەدلىيە ۋە دىپلوماتىيە ساھەلىرىدىكى ھوقۇقلىرىنى ئۆزىدە ساقلاپ قالاتتى.

فرانسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەنكى پالاتاسى بولغان مىللىي مەجلىستە ئىيۇن ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان بېلەت تاشلاشتا، بۇ لايىھە 202 گە قارشى 271 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىدى. بۇ لايىھە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ۋە سولچىل پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.

فرانسىيەدە ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر جەرياندىن ئۆتۈشى كېرەك. بىرىنچى باسقۇچتا مىللىي مەجلىس بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئوخشاش بىر تېكىست ئۈستىدە پىكىر بىرلىكىگە كېلىشى ۋە لايىھەنى ئايرىم-ئايرىم ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشلاردا قوبۇل قىلىشى؛ ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا لايىھەنىڭ بارلىق فرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرى يىغىلغان قۇرۇلتاينىڭ بەشتىن ئۈچ قىسمىنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىشى كېرەك.

جەريان

كورسىكانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان زاتلاردىن ئىۋان كولوننا فرانسىيەنىڭ ئارلېس شەھىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۈرمىدە 2022-يىلى 2-مارتتا باشقا بىر مەھبۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە 2022-يىلى 21-مارتتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن كورسىكادا ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن كولوننا ئۈچۈن نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە كۆپلىگەن كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى.

فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، كولوننانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاپتونومىيەسىگە ئالاقىدار قەدەملىرىنى ئالدىغا سۈرۈشىگە سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون 2023-يىلى سېنتەبىردە «كورسىكاغا خاس بىر ئاپتونومىيە» چاقىرىقى قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ چېدىرلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپتىن ئىرانغا يېڭى ئۇلتىماتۇم: كېلىشىم تۈزەيمۇ ياكى يوق قىلايمۇ؟
ھۇسىيلار يەمەننىڭ ئەدەن شەھىرىگە كۆپ قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ھەم ئۇكرائىنا ھەم رۇسىيە بىلەن سودا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى
تىرامپ ئامېرىكانىڭ ئىرانغا «ئەتە» ھۇجۇم قىلىشى ياكى بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشىمۇ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە «ئېتنىك تازىلاش» سىياسىتىنى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان ئەل خەلىل شەھىرىگىمۇ كېڭەيتمەكتە
ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەدىكى نامايىشلاردا نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
نىگېرىيەدە قوراللىق ھۇجۇمچىلار كەم دېگەندە 20 كىشىنى ئۆلتۈردى
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 12 كىشى يارىلاندى
پاكىستان مەككە مۇداپىئە شەرتنامەسىنى تەستىقلىدى
رۇسىيە: ئۇكرائىنادىكى بىر پورتنى ۋە سەپەر ئۈستىدىكى يۈك پاراخوتىنى ئوققا تۇتتۇق
ۋاشىنگتون: ئىراننىڭ چەت ئەلدىكى ئامېرىكالىق دىپلوماتلارغا سۇيىقەست قىلىش ھەرىكەتلىرى كۈچەيدى
چەت ئەلدىكى تۈرك بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن «تۈرك تىلى ۋە تۈرك مەدەنىيىتى» دەرسلىكلىرى توردا تارقىتىلدى
ئىراندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى