ئەردوغان سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى ۋە غەززە مەسىلىسى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قاراپ تۇرمايمىز. بۇ جەھەتتە بىرەر خەۋپ ھېس قىلساق، دەرھال زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىمىز» دېدى.

2024-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەنقەرە، تۈركىيە: تۈركىيە پرېزىدېنتى رېجەپ تاييىپ ئەردوغان كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن پرېزىدېنت كومپلېكسىدا نۇتۇق سۆزلىدى. / سۈرەت: ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى (AA). (AA) / AA

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىنىستىرلار كابىنېتى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى؛ ««غەززەدە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈمىدىنى قايتىدىن ياشنىتىش ئىشىكىنى ئېچىش ئۈچۈن كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىۋاتىمىز. نەتىجىگە ئېرىشكەنگە قەدەر شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەن ئەردوغان: «1967-يىلىدىكى چېگرالار ئاساسىدا، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇققا ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئىگە پەلەستىن دۆلىتى چوقۇم قۇرۇلىدۇ» دېدى.

«61 يىللىق بەئس زۇلۇمى ۋە 13 يىللىق قىرغىنچىلىقتىن كېيىن سۈرىيەدە ئىمان ۋە سەۋر-تاقەت قانداق غەلىبە قىلغان بولسا، پەلەستىندىمۇ ئادالەت قۇياشى زۇلمەت قاراڭغۇلۇقىنى يېرىپ ئۆتىدۇ» دېگەن ئەردوغان، سۈرىيەنىڭ پارچىلىنىشىغا، بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى، بۇ جەھەتتە بىرەر خەۋپ ھېس قىلىنسا، دەرھال زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.