ۋاتىكان پاپا فرەنسىسنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىدى

رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭ تۇنجى لاتىن ئامېرىكالىق رەھبىرى بولغان پاپا فرەنسىس ئۇدا 12 يىل پاپالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن 88 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

The Vatican announces the death of Pope Francis, concluding a pivotal era in the Catholic Church. / Reuters

ۋاتىكان دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ۋىدېيولۇق باياناتىدا، رىم كاتولىك چېركاۋىنىڭ تۇنجى لاتىن ئامېرىكالىق رەھبىرى بولغان پاپا فرەنسىسنىڭ

 ۋاپات بولغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن، پاپا چېركاۋنى قايتا ئىسلاھ قىلىش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولۇشىغا قارىماي، پارچىلىنىش ۋە جىددىيچىلىك بىلەن تولۇپ تاشقان،  پات - پات داۋالغۇشلار ئوتتۇرىغا چىققان بىر دەۋر ئاخىرلاشقان بولدى.

ۋاتىكاننىڭ پۇل - مۇئامىلە ئىشلىرى باش كاتىپى كاردىنال كېۋىن فېررېل بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 7 دىن 35 مىنۇت ئۆتكەندە رىم ئېپىسكوپى فرەنسىس ئاتىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا قايتتى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى تەڭرىگە ۋە چېركاۋىغا خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىغان ئىدى» دېدى.

88 ياشلىق پاپا فرەنسىس 12 يىللىق پاپالىق دەۋرىدە ھەر خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئىدى.

بۇ داۋاملىشىۋاتقان بىر خەۋەر بولۇپ، داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.