تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «تۈركىيە تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بۇلۇت رايونىنى قۇرىدۇ»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىلمىي تەرەققىياتلارنى يېقىندىن كۆزىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەلگۈسىدىكى يېڭىلىقلارنى ۋە ئۆزگىچە تەتقىقاتلارنى مىللەتنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيەت كىملىكىگە سەپلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئەردوغان: «تۈركىيە تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بۇلۇت رايونىنى قۇرىدۇ»
ئەردوغان: «تۈركىيە تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بۇلۇت رايونىنى قۇرىدۇ» / AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سانلىق مەلۇمات ساقلاش ۋە ھېسابلاش ئۈچۈن چوڭ بىر رەقەملىك مەركەز بولىدىغان تۈركىيەنىڭ تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بۇلۇت رايونىنى قۇرۇش مەقسىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى ئېيتتى.

سەيشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە ئىلمىي ۋە تېخنىكىلىق تەتقىقات كېڭىشى (TÜBİTAK) ۋە پەنلەر ئاكادېمىيەسى (TÜBA) نىڭ 2025-يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەردوغان: «2028 – ۋە 29-يىللىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى پىلانلانغان بۇ  لايىھە ئارقىلىق تۈركىيە ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق ئوتتۇرىسىدا رەقەملىك كۆۋرۈك قۇرىدۇ. دۆلىتىمىز رايوننىڭ سانلىق مەلۇمات بازىسىغا ئايلىنىدۇ» دېدى.

ئەردوغان سۆزىگە: «ھەم پەن-تېخنىكىدىكى نۆۋەتتىكى تەرەققىياتلارنى دەقىقىمۇ-دەقىقە كۆزىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ھەم مىللىي كىملىكىمىزگە خاس پىكىر ۋە ئەسەرلەر بىلەن كەلگۈسىمىزنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك» دەپ ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈنئىي ئىدراك، ئاپتوماتىك سىستېمىلار، سانلىق مەلۇمات ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مەركەزلىرىدىن ئۇچقۇچىسىز تېخنىكىلارغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە تۈركىيەنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەر ھەۋەس بىلەن قارايدىغان تەشەببۇس ۋە تۈرلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Turkcell partners with Google to offer Cloud services in Türkiye

ئەردوغان يەنە ئېلېكترو خىمىيە ۋە قاتتىق جىسىم مېخانىكىسىدىن تەجرىبە پىسخولوگىيەسى، RNA بىئولوگىيەسى، چىش دوختۇرلۇقى، نېرۋا ئىلمى، تارىخ ۋە پەلسەپەگىچە بولغان كەڭ دائىرىدە ئەمگەك سىڭدۈرگەن بارلىق ئاكادېمىكلارنى تەبرىكلىدى.

مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، بۇنىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلەردىكى ئورگانلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارىغا يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات مەركىزى نويابىر ئېيىدا ئەنقەرە بىلەن باغلىنىشلىق شېرىكلەر بولغان تۈركجېل (Turkcell) ۋە گۇگۇل بۇلۇت (Google Cloud) تەرىپىدىن ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەملىك بۇلۇت رايونى كۆپلىگەن سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىدە غايەت زور ھېسابلاش، ساقلاش ۋە تور ئىقتىدارىنى تەمىنلەش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتلەر ۋە كارخانىلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىخەتەر ساقلىشىغا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە يۈرۈشتۈرۈشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ رەقەملىك ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان ھەمدە سۈنئىي ئىدراك ۋە مالىيە تېخنىكىسى (fintech) غا ئوخشاش تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ساھەلەرنى قوللايدىغان بۇ تۈر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى ۋە كېچىكىش ۋاقتىنى ياخشىلاپ، تۈركىيەنى رايونلۇق تېخنىكا مەركىزىگە ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە چەتئەل مەبلىغى ۋە يۇقىرى قىممەت يارىتىدىغان خىزمەتلەرنى دۆلەتكە جەلپ قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan unveils 2030 Industry and Technology Strategy: A vision for technological independence
ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق