تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىكىدىن ئالەم بوشلۇقىغىچە، سودىدىن قاتناشقىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ.
2026-يىللىق «تۈرك دۇنياسى ساياھەت پايتەختى» بولۇپ تاللانغان ئەنقەرە، ئىيۇلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن يەنە بىر خەلقئارالىق پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلىشقا تەييارلانماقتا.
تەشكىلاتنىڭ پائالىيەت كالىندارىغا ئاساسەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى 29-ئۆكتەبىر يىغىن چاقىرىدۇ. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساھىبخانىلىق قىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى بولسا، 30-ئۆكتەبىر «تۈرك ئەسىرى: تىلدا، پىكىردە، ئىشتا بىرلىك» تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
يىغىندا تەشكىلات دائىرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى يۆنىلىشى، شۇنداقلا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
«تۈرك دۇنياسى 2040-يىل نەزەر دائىرىسى»دىكى ئىقتىسادىي تېمىلارمۇ كۈنتەرتىپتە
رەھبەرلەرنىڭ سىياسىي ھەمكارلىق، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، قاتناش ۋە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۆزگىرىش، مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ھەمكارلىقى، شۇنداقلا تەشكىلىي تەرەققىيات قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى خىزمەت ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى باھالىشى كۈتۈلمەكتە.
يىغىندا تۈركىيە تەشكىلاتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئەزەربەيجاندىن ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلمىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە دائىر تۈرلۈك قارار ۋە ھۆججەتلەر بىلەن بىرگە، «ئەنقەرە خىتابنامىسى»نى قوبۇل قىلىشى پىلانلانماقتا.
تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا تۈركىيە، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئەزا. تۈركمەنىستان، ۋېنگىرىيە ۋە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى كۆزەتكۈچى دۆلەت، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولسا كۆزەتكۈچى تەشكىلات سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.
























