سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوماندا يادرو سۆھبەتلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى
ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوماندا يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈمەكتە.
ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوماندا يادرو سۆھبەتلىرى ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدى
US and Iran are at odds over how to approach nuclear negotiations / AFP
2025-يىلى4-ئاينىڭ12-كۈنى

ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، توقۇنۇش يۈز بېرىش خەۋپى بار. 

ئىران بىلەن ئامېرىكا تېھراننىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقان يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىنى قايتا  مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە شەنبە كۈنى سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە ئىرانغا ھەربىي ئارىلىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق تەھدىت سالماقتا.

ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى مەسقەتكە يېتىپ بارغان ھەمدە سۆھبەتتىن بۇرۇن ئومان دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. 

ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىگە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئامېرىكا تەرەپتىن سۆھبەتلەرگە پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. 

ئىران بۇ سۆھبەتلەرگە ھەم ئېھتىياتچالىق بىلەن قارىماقتا ھەم كېلىشىم ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقىغا گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئىران يەنە، يادرو پىروگراممىسىنى توختاتمىسا ئىرانغا بومبا تاشلاش بىلەن تەھدىت سالغان ترامپقا ئىشەنمەيۋاتماقتا. 

 

ھەر ئىككى تەرەپ ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئىجابىي باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇدا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ كېلىشمەسلىك مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يەنىلا چوڭ پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى باردۇر. شۇنداقلا، ترامپ تەلەپ قىلغاندەك يۈزمۇيۈز ياكى ئىران خالىغاندەك ۋاستىلىك سۆھبەت بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا تېخىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنالىغىنى يوق. 

سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالايدىغانلىقىغا قارىتا ھەرقانداق بىر ئىشارەت، 2023-يىلدىن بۇيان بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان غەززە ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇشلار، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى، قىزىل دېڭىزدىكى ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن جىددىيچىلىكنى پەسەيتەلىشى مۇمكىن. 

لېكىن سۆھبەتلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنالمىغان تەقدىردە، دۇنيادىكى نېفىت ئېكسپورتىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەمىنلەيدىغان بۇ رايوندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇش خەۋپى كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن. تېھران ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى ھەربىي ھۇجۇمىغا ئارىلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىغا ساھىبخانىلىق قىلغان قوشنا دۆلەتلەرنى «ئېغىر ئاقىۋەتلەر» گە دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. 

ئىراننىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ رېيتېر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بىلدۈرۈشىچە، ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇرەككەپ ھوقۇق قۇرۇلمىسىدا مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىدا ئاخىرقى قارارنى چىقىرىدىغان ئالىي رەھبەر ئايەتۇللاھ ئەلى خامېنېي ئاراقچىغا سۆھبەتلەر ئۈچۈن «تولۇق ھوقۇق» بەرگەن.

مەزكۇر ئەمەلدار: «پەقەت يادرو مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتىلا ئامېرىكا تەرەپنىڭ جىددىيلىكى ۋە ياخشى نىيىتىگە باغلىق» دېگەن ۋە مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبىدىن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمغان. 

ئىران ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى، بولۇپمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلدى. 

 

نەچچە ئون يىللىق كېلىشمەسلىك

ئىران ھەمىشە يادرو پىروگراممىسىنىڭ پۈتۈنلەي تىنچلىق مەقسىتىدە لايىھەلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. لېكىن غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ ئاتوم بومبىسى ياساشنى مەقسەت قىلغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 

غەرب دۆلەتلىرى ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ پۇقراۋى تىنچلىق پىروگراممىسىنىڭ تەلىپىدىن ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئۇرۇش باشلىقلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان دەرىجىگە يېقىن بولغان زىچلىقتىكى زاپاسلارنى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

 

تېھرانغا قارشى «ئەڭ يۇقىرى بېسىملىق» سىياسىتىنى فېۋرال ئېيىدىن بۇيان قايتا يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ترامپ، تۇنجى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە، يەنى 2018-يىلى ئىران بىلەن ئالتە دۇنيا كۈچى ئوتتۇرىسدا ھاسىل قىلىنغان «2015-يىللىق يادرو كېلىشىمى» دىن چېكىنگەن ھەمدە ئىرانغا ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزگەن ئىدى. 

شۇندىن تارتىپ، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى. ئىران قول ئىلكىدىكى ئۇراننى بومبا ياساش تېخنىكىسى جەھەتتىن بىر قەدەم يېقىن بولغان %60 قويۇقلاشتۇردى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان  باياناتىدا، سۆھبەتلەرنىڭ تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىش  بىلەن ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بىز ئىراننىڭ ھەرگىز يادرو قورالىغا ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا بايان قىلدۇق، دەرۋەقە، بۇ سۆھبەتلەرمۇ بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۆتكۈزۈلمەكتە، دەپ ئويلايمەن.»

تېھران كېيىنكى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتوننىڭ «ھازىرقى قارشىلىشىش ھەيۋىسى» گە قارىماي، ئامېرىكاغا «سەمىمىي پۇرسە» بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ۋاشىنگتوننىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيە، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسىنى «ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىت» دەپ قارىماقتا ۋە ئۇزۇندىن بۇيان «ئەگەر دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئىراننىڭ يادرو نىيىتىنى توسۇشتا مەغلۇب بولسا، ئىرانغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى» توغرۇلۇق تەھدىت سېلىپ كەلمەكتە. 

تېھراننىڭ يېقىن شەرقتىكى تەسىرى ئېغىر دەرىجىدە ئاجىزلىدى. ئىراننىڭ «قارشىلىق كۆرسىتىش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان رايونلۇق ئىتتىپاقداشلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىشغالىيىتى ۋە 2024-يىلى دېكابىردا سۈرىيەدە بەششار ئەسەدنىڭ ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ يا تارقىتىۋېتىلدى ياكى قاتتىق زەربە يېدى. 

بۇ قارشىلىق كۆرسىتىش مەركەزلىرى لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ، يەمەندىكى ھۇسىيلار ۋە ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى ھەر خىل شىئە قوراللىق گۇرۇھلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

ئىزدىنىڭ
كانادا سۈرىيەنى تېررورىزمغا ھامىيلىق قىلغۇچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى
ئەنقەرەدە «خەلقئارا قەدىمكى تۈرك تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى بىلەن خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
مادۇرو ترامپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ «ھۆرمەت ئاساسىدا ۋە سەمىمىي» بولغانلىقىنى ئېيتتى
ئېممانۇئېل ماكرون شى جىنپىڭغا خىتاي ۋە فرانسىيەنىڭ «پەرقلەر» دىن ھالقىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ماكرون تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
خىتاي «چەت ئەل كۈچلىرى»نىڭ ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
پاپا بېيرۇتتىكى مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا بىرلىك چاقىرىقى قىلدى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى
ترامپ مادۇرو بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان پەيتتە تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى
سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېر: ئەنگلىيە ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى