خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىراق تەرەپتىن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق
رىياد دائىرىلىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى شۇنداقلا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ ئەمىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى «زۆرۈر ئەمەلىي تەدبىرلەر»نى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان: ئىراق تەرەپتىن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن 3 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى چۈشۈرۈۋەتتۇق
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ راس تانۇرا رايونى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن تۈتۈن ئۆرلەۋاتىدۇ. (سۈرەت: ئارخىپ) / Reuters

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراق تەرەپتىن دۆلەت ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەن ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنىپ، پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۇركى ئەلمالىكى، مەزكۇر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئىراق زېمىنىدىن سەئۇدى ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەلمالىكى پادىشاھلىقنىڭ «مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە جايدا جاۋاب قايتۇرۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان: «پادىشاھلىقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى شۇنداقلا پۇقرالىرى ۋە ئاھالىلىرىنىڭ ئەمىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى زۆرۈر بولغان بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ فېۋرال ئېيىدا ئىرانغا قاراتقان بارغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك تېخىمۇ كۈچەيدى. تېھران ھۆكۈمىتى، ئىسرائىلىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار ھەمدە ھورمۇز بوغىزىنى تاقاش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قايتۇرما زەربە بەردى.

پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكى بىلەن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 8-ئاپرېلدا يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىسلامئابادتىكى سۆھبەتلەردە مەڭگۈلۈك بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېيىنچە ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتىنى مۇددەتسىز ئۇزارتتى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئەبۇزەبى ئەمىرلىكىدىكى بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئوت ئاپىتى يۈز  بەرگەن بولسىمۇ، مەسئۇللار ۋەقەدە ھېچقانداق تالاپەت ياكى رادىياتسىيە سەۋىيەسىدە بىرەر ئۆزگىرىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەبۇزەبى مېدىيا ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەبۇزەبى مەسئۇللىرى ئەلدەفرە رايونىدىكى <باراكا> يادرو ئىستانسىسى قورۇسىنىڭ سىرتىغا جايلاشقان بىر توك گېنېراتورىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن ئوتنى ئۆچۈردى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستاننىڭ خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى
تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھۇسىيلارنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئورتاق بايانات بىلەن ئەيىبلىدى
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى