ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشماقتا
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشماقتا
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشماقتا
Mehmet Simsek in the US / AA Archive

تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئۆزئارا سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمدە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى رايونلۇق ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى مەھمەت شىمشەكنىڭ چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسسېنت بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ۋە رايونلۇق ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي بانكىسى باشلىقى فاتىھ قاراخانمۇ قاتناشقان يىغىن «ئىجابىي كەيپىيات»تا ئۆتكەن. ھەر ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ئىتتىپاقدىشى بولغان تۈركىيە ۋە ئامېرىكا رەھبەرلىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن دونالد ترامپنىڭ كۆپ قاتلاملىق مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئورتاق سىياسىي ئىرادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

تەرەپلەر سودا، مەبلەغ سېلىش ۋە ئېنېرگىيەگە ئەھمىيەت بەردى

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، سۆھبەتلەر مەبلەغ سېلىش، سودا، قاتناش ۋە ئېنېرگىيە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مەركەزلەشكەن بولۇپ،مىنىستىر شىمشەك بولۇپمۇ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىققا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ھازىرقى چەكلىمىلەرنى بىكار قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ مەسىلە مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سەزگۈر، ئەمما ھالقىلىق بىر ساھە دەپ قارالماقتا.

تۈركىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە تۈركىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقان ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن. مىنىستىر شىمشەك، ئەنقەرەنىڭ «ئېھتىياتچان ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى»نى يولغا قويۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى، بۇنىڭ خەلقئارا پۇل فوندى ۋە دۇنيا بانكىسىنىڭ باھار مەزگىلى يىغىنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىنقى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

تەرەپلەر يەنە رايون خاراكتېرلىك جىددىي مەسىلىلەرنىمۇ مۇزاكىرە قىلغان. تۈركىيە ئەمەلدارلىرى سۈرىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنى نىشان قىلغان نۆۋەتتىكى داۋاملىشىۋاتقان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە سۆھبەتداشلىرىغا مەلۇمات بەرگەن.

100 مىليارد دوللارلىق سودا نىشانى

بۇ سۆھبەتلەر تۈركىيە-ئامېرىكا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىدە كۈچىيىش يۈزلىنىشى كۆرۈلۈۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى. ھەر ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى 100 مىليارد دوللار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش ۋەدىسىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ رەقەم يېقىنقى دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن ئىدى.

مۇتەخەسسىسلەر، ۋاشىنگتون زىيارىتى جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنغان كونكرېت تەشەببۇسلارنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا بۇلارغا ئالاقىدار تېخنىكىلىق يىغىنلارنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۈركىيە ئۆزىنى رايونلۇق ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىر كۈچ سۈپىتىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قەدەملىرى، دۆلەتنىڭ بۇ نىشانىغا يېتىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىشى مۇمكىن.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى