ئەسەد رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا كىرىۋالغانلىقىنى، ئۇ يەردىن موسكۋاغا قاچقانلىقىنى بىلدۈردى
سۈرىيەدىكى بەئس تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى بەششار ئەسەد 8-دېكابىر دۆلىتىدىن قاچقاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بايانات ئېلان قىلدى.
سۈرىيەدىكى بەئس تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى بەششار ئەسەد 8-دېكابىر دۆلىتىدىن قاچقاندىن كېيىن بەرگەن تۇنجى باياناتىدا، توقۇنۇشلار داۋاملىشىۋاتقاندا رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا قاچقانلىقىنى ۋە موسكۋادىن كەلگەن بۇيرۇق بىلەن ئۇ يەردىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
بەششار ئەسەد ئاغدۇرۇلغان بەئس تۈزۈمىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى رەسمىي ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
«بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن» كېچىپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەسەد، سۈرىيەدىن قېچىشىنىڭ پىلانلىق ئەمەسلىكىنى ۋە 8-دېكابىر ئەتىگىنىگە قەدەر پايتەخت دەمەشىقتە تۇرۇپ ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەسەد، ئۆكتىچىلەرنىڭ دەمەشىققە يېتىپ كېلىشى بىلەن رۇسىيە بىلەن كېڭىشىپ، توقۇنۇشلارغا رەھبەرلىك قىلىش ئۈچۈن لازىقىيەگە كەتكەنلىكىنى ۋە ھىمەيمىم ھاۋا بازىسىغا يېتىپ بارغاندا، ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنىڭ مەلۇم بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۆزى كىرىۋالغان رۇسىيە ھەربىي بازىسىنىڭمۇ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەسەد، 8-دېكابىر كەچتە موسكۋانىڭ ھىمەيمىم ھاۋا بازىسى قوماندانلىقىغا ئۆزىنى دەرھال رۇسىيەگە «يۆتكەش» پىلانى تۈزۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئەسەد، ۋەقەلەر جەريانىدا چېكىنىشنى ياكى پاناھلىق تەلەپ قىلىشنى ھەرگىز ئويلىمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.